سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ(قاينامى)

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-17 00:30:27

سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ...ۋاراقلايمەن تېنىڭنى ئوقۇش ئۈچۈنچۈشكۈن يېزىقلارنى سىلايمەن قارىغۇ قوللىرىمدائاۋازىڭنىڭ رەڭدار يالقۇنىدا ئېرىيمەن قاردەكتۆكۈلىمەن خازان كەبى قۇچاقلىرىڭغامەن كىم؟مەن شام...

    سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ...

     

    ۋاراقلايمەن تېنىڭنى ئوقۇش ئۈچۈن

    چۈشكۈن يېزىقلارنى سىلايمەن قارىغۇ قوللىرىمدا

    ئاۋازىڭنىڭ رەڭدار يالقۇنىدا ئېرىيمەن قاردەك

    تۆكۈلىمەن خازان كەبى قۇچاقلىرىڭغا

     

    مەن كىم؟

    مەن شامالنىڭ بىر ۋارىقى

    قات-قات سىرلاردەك يىرتىپ تاشلانغان

     

    كېچىنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيى مېنىڭ كىيىملىرىمگە يىرتىلغان

    بارىمەن سېنىڭ ئىشىكلىرىڭگە  

    يامغۇرلار بۇلۇت ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ سېنىڭ چاناقلىرىڭغا يىغىلغان

    كۈندۈز قارا كىيىمىنى كىيىپ كىرىپ كەلگەن ئىدىيەڭگە

    سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭنىڭ بىرىنچى بېتى ئەنە شۇنداق باشلانغان...

     

    تىلىم دەرياسىنىڭ ئۇزاق باشلىنىشىدا

    سېنىڭ سۈزۈك قەسىمىڭ سىلجىيدۇ...

    كۈز كارىۋىتىدا ياتىمەن تېنىمنى شامالغا سورۇپ

    شاماللار تۈن بىلەن تەڭ كۆتۈرۈپ كېلەر ئاسماننى

    ياپار ئىككىمىزنىڭ قۇرۇۋاتقان تەنلىرىمىزگە نەمخۇش بۇلۇتلارنى

     

    تۈننىڭ شارابى كېچىنىڭ پىيالىسىدە يېرىملاشقان

    سېنىڭ قاراڭغۇ كىتابىڭ

    شۇنداق ئاخىرلاشقان...

    2011-4-17

     

    كۈتۈۋاتقان بولساڭ

     

    بارىمەن تېنىمدىن يۇلغان گۈللىرىمنى چېچىپ ئاسمانغا...سەن ياشاۋاتقان

     

    قىسىدۇ تۇيغۇمنى تۇرمۇش ئىلاجىسىز قالغاندا

    ئۆيلىرىمدىن تامچە ئۆتۈپ تېنىمنى تەشكەن،قېنىم يامغۇرغا قوشۇلغاندا

    ئالقانلىرىمنى كۈنلۈك قىلىپ ئىچىگە ھەممىمىز مۆكۈنگەندە

    ھويلامنىڭ ئۆگزىسىدىكى يۇلتۇزلار ئازاپ بىلەن ئاسمانغا سانجىلغاندا

     

     

    كۈتۈۋاتقان بولساڭ...

    مېنى ئوقۇ سارغايغان بەتلەردىن،مەن ئۆز ھېكايەمگە يۇشۇرۇنغان:

    قوللىرى كەتمەن سېپىدا قاپارغان،يۈزى تۇپراقتا ئاقارغان

    سايىسى دەرەخ تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان(چۈمۈلىلەر يەۋاتقان)

    ئاۋازى شاماللاردا تۆكۈلىۋاتقان،كۆزلىرى ئويۇلغان دەرەخ قوۋزاقلىرىدا

    كۈندۈزى بېشىدىكى يالقۇنلاردا،كېچىلىرى يۇشۇرۇنغان تېنىدىكى قاراڭغۇلۇققا

    ئۈچ ئوغلى  تۇمانلىق چۈش كۆرۈۋاتقان بۇلۇت راۋاقلىرىدا...

     

    كۈتۈۋاتقان بولساڭ...

    ئۆلۈم مېنى چاقىرماقتا، ئاۋازىنى تىكەنلەشتۈرۈپ سانجىلىۋاتقان

    خىيالىمنى ئېلىپ قاچار شاماللارنىڭ گۈدەك بالىلىرى ئىشىك ئالدىمىزدا ئويناۋاتقان

    سۆڭەكلىرىمنى غاجايدۇ زاۋالنىڭ ئىتلىرى دەرىزەمگە قاۋاۋاتقان

    ئاسمىنىمدىن بۇرۇن ئۆلگەن قۇشمەن ياكى ئۆلۈۋاتقان

    يۇلتۇزلاردىن بۇرۇن پاتقان ئايمەن ياكى پېتىۋاتقان...

     

    كۈتۈۋاتقان بولساڭ...

    پۇتلىرىمنى مىدىرلىتىمەن كىشەنلەرنى چېقىپ سۇ زەنجىرلىرىدە سېلىنغان

    ئاۋازىمنى قويۇۋېتىمەن تېنىڭنىڭ چوققىلىرىغا قار باسقان

    بارماقلىرىمنى كېسىپ سېۋەتلەرنى توقۇيمەن ھېكايەمدىكىدەك ھەسرەتكە تولغان...

    ھېچنىمىدىن تەپتارتمىغان ھالدا كىيىملىرىمنى كىيىمەن تېنىمگە يالىڭاچلانغان

    تۇتقۇن بولغان شېئىرلىرىمنى ئازاد قىلىمەن قەغەزلەردىن قىيىلغان

    ئوقۇيمەن نەچچە يىللار ئاۋال يېزىلغان مەرسىيەنامىنى ئۆلۈمىمگە بېغىشلانغان

    مېنى ئۆلۈمدەك كۈتۈۋاتقان بولساڭ

    ئۆلۈمنى مەندەك كۈتۈۋاتقان بولساڭ

    كۆتۈرۈپ بارىمەن ھاياتىمنى ئۆلۈم بىلەن باشلانغان!...

    2011-4-11

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.