كۈندۈلۈك خاتىرەمدىكى شېئىرلار

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-09 23:50:31

كۈندۈلۈك خاتىرەمدىكى شېئىرلاردىنزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى 2007-يىل 10- ئۆكتەبىركەچكۈزنىڭ سەرسانى غازاڭلا ئەمەس،سەرسان مەن غازاڭدىن بەكرەك ئاھ بۇ دەم.ئويقۇسىز ئۆتسىمۇ قەدىر كېچىسى،سەھەرنىڭ سو...



    كۈندۈلۈك خاتىرەمدىكى شېئىرلاردىن

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

      

    200 7-يىل 10- ئۆكتەبىر

      

      كەچكۈزنىڭ سەرسانى غازاڭلا ئەمەس،

    سەرسان مەن غازاڭدىن بەكرەك ئاھ بۇ دەم.

    ئويقۇسىز ئۆتسىمۇ قەدىر كېچىسى،

    سەھەرنىڭ سوۋغىسى يەنە شۇ ئەلەم:

     

    مەن پەقەت تىلىگەن ئۆلۈمۈمنىلا،

    كېسەلدىن خالىي، تەن ساقلىقنى ئەمەس.

    مەن پەقەت تىلىگەن ئىمانىمنىلا،

    ئەمەل ۋە نوپۇزۇم، بايلىقنى ئەمەس...

     

    بىر يولى يوق بولۇپ كېتەتتى ئۆلسەم،

    خەق بەرگەن بەدناملار، ئاتاقلىرىمۇ،

    ۋە شۇندا بىلەتتى ئازغانلىقىنى،

    قەلبىمنىڭ ئەركىنلىك خىتابلىرىمۇ...

     

    ھەي... مانا ئىجابەت بولمىغاچ تىلەك،

    مەن يەنە غايىگە قالدىم باغلىنىپ.

    زۇلۇمخور ھاياتنىڭ مۇھەببەت قىزى

    جان ئاتلىق لېۋىدە مېنى مەست قىلىپ..

    *********************

     2007– يىل 12- ئۆكتەبىر

     

    بۇ جاننى قىينىغۇم يوق ئىدى پەقەت،
    جان مېنى قىينىغان كەبى، بۇ قەدەر...
    بىلمىدىم كىم ئۈچۈن دوغا تىكىشنى،
    كىم كېرەك قىلار جان، بەرمەس يا خەۋەر.

     

    جېنىمنىڭ غەۋغاسى ئەركىن ياشىماق،
    نە ئىلاج مېنىڭدە، بار قىلالمىسام...
    ئەدناسى شۇ جاننىڭ ئارامى ئۈچۈن،
    بىر نۆرە دۇنياغا كار قىلالمىسام...

     

    خىيالەن چوغ سوراپ باردىم ئالدىغا،
    كاۋاپ قىپ يېسە، دەپ يالماۋۇز مېنى.
    ئۇ دېدى: گۇناھتىن ياندىم مەن تۈگەل،
    ئۆزۈڭ ئىچ خالىساڭ بۇزۇق قېنىڭنى....

     

    تەنھالىق ھەمراھىم، سىردىشىم ئازاپ،
    كىمنىدۇر ساقلايمەن كۈن ۋە يەنە تۈن.
    ئۇنتۇلۇپ باقسام-ھە، جاننى بىر قېتىم،
    جاندىنمۇ ئەزىزراق جانان سەن ئۈچۈن... 

     

    ******************************** 

     

    2007-يىل 1- نۇيابىر كەچ

     

    كەچۈر مېنى، كەچۈر مېنى، كەچۈرگىن،

    بەكمۇ ئەپسۇس، كەچۈر دېدىم كېچىكىپ.

    قانداق ياخشى ئىدى بالدۇر كەچۈرسەڭ،

    ئەپسۇس، ئەمدى ئۆتەلمەيمىز ئىچىكىپ...

     

    تاڭ كۆرگىنىم نەدە قالدى ئاجراشسا،

    نېمە پوق يەپ بەرگەندىمەن خېتىڭنى.

    دۈشمىنىم دەپ، ئويلاپتىمەن پايلىساڭ،

    قاپىغىڭنى يېرىپ، يەنە بېشىڭنى...

     

    كۆڭۈل ئىزدەپ، ئىزدىمىدىم كۆڭلۈڭنى،

    تاناي قانداق ئېنىق تۇرسا گۇناھىم.

    كېچىكسەممۇ كەچۈر دېدىم ئۇشبۇ رەت،

    مەيلى دېگىن: - ھە، تۇتتىمۇ قىساسىم؟

     

    <<كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىتمۇ ياتماس>> كەن،

    بۇزۇپ ئەجەپ ئىككىمىزنىڭ ئەھدىنى...

    داپ يېرىلدى ، ئەندى ئېشەك ھاڭرىماس،

    تارتماقتىمەن <<ئوينىغاننىڭ دەردى>> نى،

     

    سەنمۇ ئەرگە تىگەلىدىڭ، ئىشەندىم،

    ئاچچىغىڭدا دەرت ئۈستىگە دەرت قوشۇپ.

    ئېچىنىمەن ئۆزۈمگە ھەم سەن ئۈچۈن،

    چۈجىلەرنى ئويلىساملا قان قۇسۇپ...

     

    تىل يارمىدىم، قۇزۇق بولدى لەۋگە چىش،

    مەن تاش يۈرەك، سەن ئۇنۇتقاچ ئىددەتنى...

    ياشاش كېرەك ئىكەن يەنە ئىنسانغا،

    كۆرۈش ئۈچۈن تەقدىردىكى قىسمەتنى...

     

    ئويلىغۇم يوق ھېچنەرسىنى ئۇشبۇ دەم،

    مەيلى سۆزلەي بارى داغدۇر، داغدا مەن...

    بەرداشىم يوق كۆزلىرىڭنى ئەسلەشكە،

    ئېسىلارمەن كۆزلىرىڭدە دارغا مەن...

     

    بىلىپ يەتتۇق زادى نىمە جۇدالىق؟

    كۈن كەينىدىن ئايلار ئۆتۈپ، يىل ئۆتۈپ.

    ئەجەپ قەدرىڭ ئۆتۈلمەكتە جانانىم،

    سەنمۇ مەندەك تۇرغانسەنمۇ ئۆمتۈلۈپ...

    ******************************

     

    2007- يىل 8- نۇيابىر

     

    مېنى مەجرۇھ قىلدى ئاخىر كۆڭۈل سۈيقەستى،

    چېچەكلەر ئاھ، ئۈمۈد ئەمەس، زۇلۇم كۆزۈمدە...

    بولالمىدى بىر تىيىنمۇ ياشاشنىڭ نەرقى،

    يەي دېسەم نان ئورنىدا غەم ، گۆردەك ئۆيۈمدە.

     

    قالغاچقىمۇ سەنسىز قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ

    غاجايدۇ يول كۈندۈزى ھەم تۈندە يالغۇزلۇق...

    يۈز مىڭ پارچە بولغاندۇ ئاھ، كۆڭلۈممۇ سۇنۇپ،

    قىسمەت مېنى زاكىر ئەمەس، قىلغاچمۇ تۇزلۇق...

     

    ئىللىتالماي كۈندە غەمكىن پاتماقتا قوياش ،

    ئوينىغاچ مەن بەڭۋاش كۆڭۈل سالسا پېرىگە...

    تات كىرمەكتە ئازابقىمۇ جېنىمغا ئوخشاش،

    تېگىشكۈم يوق ئەندى ئۇنى دۇنيا مېھرىگە... 

    ****************************

     

    2007- يىل 14- نۇيابىر

     

    ئۇيقۇ قاچقان كۆزلىرىمنى يۇمۇپ زورمۇ-زور،

    ۋە خىيالەن بېسىپ نىگار باغرىمغا سېنى؛

    ئەڭ بىتەلەي بېلىقچىدەك ياتتىم يېيىپ تور،

    يەمچۈك قىلىپ تاشلاپ تۈنگە كەچمىشلىرىمنى...

     

    <<ناتونۇشتۇر ئەمدى ماڭا ئاي ھەم يۇلتۇزۇم،

    ئېلىپ قاچسۇن ھىدلىرىڭنى شاماللار، مەيلى!>>

    دىگەنبىلەن يوق يەنىلا ئۇنتۇش ھوقۇقۇم،

    مەن باغرىتاش، سەن ئۇۋالغا قالدىڭمۇ، دەيلى...

     

    بىراۋ خاتا چەكتى، ياكى چەكمىدى ھېچكىم،

    چېكىلسىمۇ، سەن ئەمەسسەن ئىشىك چەككۈچى...

    قارايماقتا خانەم گۆردەك، مۇزلىسا تېنىم...

    ئەسلەنمىسەم- ئەسلىمىسە مېنى ھېچ كىشى. 

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.