تىكەنگۈل.تىكەنگۈل.تىكەنگۈل

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-30 00:00:00

تىكەنگۈل.تىكەنگۈل.تىكەنگۈلساداقەتجان ھاجى(1)تارام-تارام ياش تۆكتۈم كىچىككىنە دەرت كەلسە،كۆتۈرەلمەي مۈكچەيدىم تاغنى ئەمەس، تامچىنى.تىترەپ كەتتى ۋۇجۇدۇم تەمكىنلىكىم يوقۇلۇپ،كۆرگىنىمدە چېقىمچى تە...

    تىكەنگۈل.تىكەنگۈل.تىكەنگۈل
    ساداقەتجان ھاجى

     

    (1)



    تارام-تارام ياش تۆكتۈم كىچىككىنە دەرت كەلسە،
    كۆتۈرەلمەي مۈكچەيدىم تاغنى ئەمەس، تامچىنى.
    تىترەپ كەتتى ۋۇجۇدۇم تەمكىنلىكىم يوقۇلۇپ،
    كۆرگىنىمدە چېقىمچى تەڭلەپ تۇرغان قامچىنى.

    دار ئالدىدا تىك تۇرغان قامەتلەرگە قايىلمەن.
    ئوق ئالدىدا ئۆڭمىگەن چىرايلارغا ئاپىرىن.
    تۇتۇپ باقماي يۈرەكنى قىلغان بىلەن يوغان گەپ،
    قىيىن ئىكەن قەسەمگە ئەمەل قىلماق. ياپىرىم!
     

    (2)



    قوقاق بارمۇ راست گەپتە؟ ئاڭلىغانلار ئالايدى.
    ئاق بۇلۇتتەك چىرايلار قىزارماستىن قارايدى.
    سۇۋاداندەك قامىتىم سۇندى قېچىپ ئامىتىم،
    باشقىلارغا كەڭرى يول مەن ماڭغاندا تارايدى.

    سايرا دىسە سايرىدىم، ئېچىل دىسە ئېچىلىپ،
    ئاپتاپ بولدۇم، نۇر بولدۇم ئۆز كۆڭلۈمدە چېچىلىپ.
    تونغا ئىشتەي ساقلىدىم ئۆلچىگەندە بويۇمنى،
    لېكىن تېنىم قورۇلدى ماڭا كېپەن پىچىلىپ.
     
    ئېيتىڭلارچۇ كۆكتىكى دىيانەتلىك پەرىلەر،
    نىمە ئۈچۈن چاقىدۇ ھەسەل بەرمەي ھەرىلەر؟
    نىمە ئۈچۈن يۆتكەيدۇ پەدىسىنى سەنەمگە،
    يەرگە چۈشكەن چېغىدا ئاسماندىكى نەرىلەر؟!

     
    (3)



    ھەرە چاقسا چىدىدىم، چايان چاقسا چىدىدىم.
    چىدىمىدىم ۋە لېكىن چاققان چاغدا چېقىمچى.
    بىلمەي تۇرۇپ كۆڭلىنى، كۆڭلىمىزنى يېقىن دەپ
    ئويلاپتىمەن ھىجىيىپ باققان چاغدا چېقىمچى.
    چىدىمىدىم شۇڭلاشقا ئاغرىقىغا بېشىمنىڭ،
    ماڭا تۆھمەت تېشىنى ئاتقان چاغدا چېقىمچى.
     
    تىلى يۇمشاق بولسىلا بولمايدىكەن يۇمشاق دىل،
    كۆكلەيدىكەن نەشتەردەك بەزىلەرنىڭ ئېزىقى.
    يالاپ تۇرۇپ تۇيدۇرماي چاقىدىكەن يۈرەكنى،
    بۇ ئىبرەتلىك دۇنيانىڭ شۇنداق ئىكەن قىزىقى.
    پاشا بولۇش، پىت بولۇش تېخى مودا ھەۋەسكەن،
    شۇ ئوخشايدۇ خۇدانىڭ سىزغان ئەگرى سىزىقى...
     

    (4)

    «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك» دەپ ئېيتىپتىكەن كونىلار.
    شۇڭا تۈلكە مىجەزلەر ئەلگە بالدۇر تونۇلار.
     
    كۈلكە بىلەن يوشۇرۇپ بولماس ئەگرى نىيەتنى،
    كىم كولىسا شۇنىڭغا گۆر بولىدۇ ئورىلار.
     
    ئادەم قېنى ئادەمگە ئۇنداق ئاسان سىڭمەيدۇ.
    ئاغرىتىدۇ قوساقنى ھارام يىگەن غورىلار.

    قانىتىغا ئىشىنىپ غادايمىسۇن رەزىللەر،
    چوققا تولا ئالەمدە، ھامان يولى تورىلار.
     
    سورالمىسا ئۇلارنىڭ ئەگەر بۈگۈن قىلمىشى،
    تارىخ دىگەن رەھىمسىز، ئەتە چوقۇم سورىلار.
     


    ________________________________________________
    (2001-يىل 7-ئاي. قەشقەر)
    («تارىم» ژورنىلى 2002-يىل 1-سان)
    http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34930969.html

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.