نەۋرىلەر

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 16:29:42

نەۋرىلەر(ساتىرا)ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ئوقالمىدى نەۋرىلەر .ھەجىلەپمۇ قۇچقاچتەك چوقالمىدى نەۋرىلەر .نە ئۈچۈن دەپ سورىغان سوئالىغا دادامنىڭ ،ساپ ئۇيغۇرچە باھانە توقالمىدى نەۋرىلەر ."سادىرمەنۇ ساد...

     

    نەۋرىلەر
    (ساتىرا)
     
     
    ئۆيگە كەلگەن باغاقنى ئوقالمىدى نەۋرىلەر .
    ھەجىلەپمۇ قۇچقاچتەك چوقالمىدى نەۋرىلەر .
     
    نە ئۈچۈن دەپ سورىغان سوئالىغا دادامنىڭ ،
    ساپ  ئۇيغۇرچە باھانە توقالمىدى نەۋرىلەر .
     
    "سادىرمەنۇ سادىرمەن "،دادام باقتى ئۈمۈتتە ،
    "سادىر بولماي كىمدۇرمەن" ،دېيەلمىدى نەۋرىلەر .
     
    ئاھ، تىلىم  دەپ باغاقنى سۆيۈپ كەتتى جان دادام ،
    دادام سۆيگەن باغاقنى سۆيەلمىدى نەۋرىلەر .
     
    قانداق ئۇيغۇر بولۇرمىز، ئانا تىلنى بىلمىسەك ،
    دادام سوئال ياغدۇردى ، ئۇقالمىدى نەۋرىلەر .
     
    كۆپ تىل بىلىش شەرەپ ئىش ،تىلدىن كېلۇر يۈكسىلىش ،
    "ئانا تىلسىز يېزىم -قىش" دېيەلمىدى نەۋرىلەر .
     
    ئاھ مىللىتىم دەپ ئاخىر ، دادام يىغلاپ تاشلىدى .
    يىغلاپ تۇرۇپ دادامنى بەزلەلمىدى نەۋرىلەر !
     
    ئون نەۋرىلىك بوپتىمەن ئىككى قىز، بەش ئوغولدىن .
    ئالىم ئەمەس ،ئىلاھىم :ئۇيغۇر بولسۇن نەۋرىلەر .
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر نەۋرىلەر