ئەسلى قانداق ئۆزىمىز(روزى مۇھەممەت ئاھۇ)

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-03 20:42:55

ئەسلى قانداق ئۆزىمىزروزى مۇھەممەت ئاھۇكۆزلىرىمىز كۆرەلمەيدۇ يىراقنى،پۇتلىرىمىز سەرسان شۇنچە يوللاردا.ئۆچۈرۋېتىپ قەستەن نۇرلۇق چىراقنى،قاراڭغۇدا تەمتىرىدۇق، سىيلاپ قوللاردا.بەزىلەرنى ئۇنداق ...

    ئەسلى قانداق ئۆزىمىز
    روزى مۇھەممەت ئاھۇ


    كۆزلىرىمىز كۆرەلمەيدۇ يىراقنى،
    پۇتلىرىمىز سەرسان شۇنچە يوللاردا.
    ئۆچۈرۋېتىپ قەستەن نۇرلۇق چىراقنى،
    قاراڭغۇدا تەمتىرىدۇق، سىيلاپ قوللاردا.


    بەزىلەرنى ئۇنداق دىدۇق، بەزىلەر مۇنداق،
    ئويلىمىدۇق، زادى قانداق ئەسلى ئۆزىمىز.
    قۇرۇپ كەلدۇق بىرىمىزگە بىرىمىز توزاق،
    قىزارمىدى كۆيدۈرگۈلۈك قىلىپ يۈزىمىز.


    بىرى كۈلسە ئاڭا ھەسەت قىلىپ يىغلىدۇق،
    ئۇنتۇپ كەتتۇق خەلىق ئاۋام دىگەننى.
    ياخشىلارنىڭ يۈرىكىنى ئىسىت... تىلغىدۇق،
    كۆرەلمىدۇق پۇزۇر كىيگەن، تاتلىق يىگەننى.


    بېسىپ كەتسە يۈزىمىزنى ياش بىلەن چاپاق،
    ئۆزگىلەرنىڭ چىرايىدىن ئىزلىدۇق ئېۋەن.
    «خوش»، «شۈكرى»گە كۆنۈپ كەتكەن تىلىمىز، بىراق،
    نادانلىق ۋەقالاقلىققا قىلمىدۇق ئېرەن.


    پو ئېتىشتا يول بەرمىدۇق بىر –بىرىمىزگە،
    ھەممە ئەلنىڭ ئالدى بىز دەپ داڭ سالدۇق،تېخى.
    ئۆزلىرىمىز ئىگە بولماي ئۆز سۆزلىرىمىزگە،
    بولۇپ كەتتۇق ھەشىمەتتە پەسلەرچە سېخى.


    ئۇنداق ئىدۇق، مۇنداق ئىدۇق، دىدۇق ئەسلىمىز،
    ھەم ئۇلاردىن پەخىرلىنىپ كەردۇق بىز كۆكرەك.
    ئەسىر ئاتلاش ئالدىدىمۇ شۇدۇر ھالىمىز،
    بىرلىرىمىز «ئاق»قا ئۈلپەت بىرلىرىمىز مەستتەك.


    ئەۋج ئالدى ئارىمىزدا رەزىل ئىللەتلەر،
    چىن ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئەمەس تۇمۇرىمىزدىكى.
    نەگە بېرىپ، نەدە تۇردى باشقا مىللەتلەر،
    ئەڭ بىچارە چېغىمىز بۇ ئۆمرىمىزدىكى.
     


    مەنبەسى: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى 1997-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.