مەن كەلدىم(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-20 16:58:24

مەن كەلدىمئادىل تۇنىيازقوينۇڭنى ئاچ ۋەتىنىمغىرىب بالاڭ مەن كەلدىم .مۇھەببىتىم قاناتتۇرقۇشلار بىلەن تەڭ كەلدىم .ئاسمان ئاچتى ئىشىكنىبۇلۇتلاردىن يەرگىچە ،ئاچسام تونۇش زىمىننىئاپپاق قارلار بەل...

    مەن كەلدىم
    ئادىل تۇنىياز


    قوينۇڭنى ئاچ ۋەتىنىم
    غىرىب بالاڭ مەن كەلدىم .
    مۇھەببىتىم قاناتتۇر
    قۇشلار بىلەن تەڭ كەلدىم .
    ئاسمان ئاچتى ئىشىكنى
    بۇلۇتلاردىن يەرگىچە ،
    ئاچسام تونۇش زىمىننى
    ئاپپاق قارلار بەلگىچە .
    يۈزلىرىمنى قىزارتىپ
     سۆيىۋەردى سوغ مېنى
    دۆڭكۈۋرۈككە كەلگۈچە .
    كېچە ،
    رىشاتكىلار كەينىدە
    ۋارقىرىدى كىم سەن؟ دەپ
    جاۋاپ بەردىم تەمتىرەپ:

    -ئۈرۈمچىنىڭ ماي يوللىرىدىن،
    ئۈنۈپ چىققان بىر ئاق تېرەكمەن.
    قاغىلىقنىڭ لاي قوللىرىدىن،
    كۈلۈپ چۈشكەن قارامەدەكمەن.

     يۇلتۇزلار كۈلدى
    خوتۇنۇمنىڭ كۆزلىرىدە ،
    ئاي چىقتى ، ئاي تولدى ، ئاي تۇغدى .
    ئۈچ ئوغلۇمنىڭ سۆزلىرىدە .

    قايىتتىم سۆزلەپ تۇرغان نۇر تاغدىن ،
    ئەكىس سادا تولغان زور غاردىن
    ئاڭلاۋاتقان چۆل - باياۋاندىن ،
    قايىتتىم ماشنىلىق
    ساھابىلەر پىيادە قېلىپ،
    ياز تۆگىلىك ماڭغان قايدىن ،
    قەلبىم نۇر ئىچتى خورمىلىق باغدىن
    سۈرە قەمەردىكى يېڭى ئايدىن .

    قايىتتىم ئەجۋەد خورمىسى رەڭلىك ،
    قايىتتىم ئەرەپ قەھۋەسى تەملىك ،
    قايىتتىم ئەجەپ كۆزلىرىم نەملىك ،
    قايىتتىم مال يۈكلەپ شېئىر ئورنىغا
    يانجۇقتا دوللار ، قەلبىمدە كەملىك ...

    چېچەكسىز ئەنجۈردىن قايىتتىم گۈلدەك
    شاخلىرى ياپراقسىز ئوت يۈرەكلەرگە .
    قايىتتىم ئاشىق كاككۇكتەك ئۈنلەپ
    پوتلا چىقارغان كۆك تىرەكلەرگە .
    ئەتىگەنلىك بازارنى ئىزلەپ.
    قايىتتىم شاۋقۇنلۇق قىستاڭ شەھەرگە .
    ياغلىقى ئوتتەك جەنۇبلۇق قىزدىن
    سېتىۋالغىلى شوخلا- بەرەڭگە .
    باردىم گۈلە- قاق ساتقان ھارۋىدىن
    سالام بەرگىلى چا ساقال ئەرگە .
    ياندىم ئىسسىق كاكچا ئېلىپ
    چۆپقەت ناۋايدىن چۆمۈلۈپ تەرگە .
    بولۇپ تىترەپ تۇرغان بىر شەبنەم
    قايىتتىم باغچىغا ، ئەتىرگۈلگە مەن .
    باغقا يۈگرەپ چىققان تونۇشۇم
    قايىتتىم سەن بىلەن چىنىققىلى تەڭ .
    قايىتتىم كۈندەك كۆيۈپ سەھەرگە
    نامازدىگەر ، شام ، خۇپتەنگە ھەم .
    قايىتتىم ئادەمگە ، پەرىشتىلەرگە
    قايتىم كەلدىم كەڭ ھويلامغا مەن .
    قوشنام قاھار قانداقراق تۇرمۇش ؟
    مۇڭدىشىش ھوزۇر قىرتاق چاي ئىچكەچ .
    كاللاڭ ئوچۇق ، روھىڭ ئەركىن قۇش
    سۆزلە مۇسا بولساڭمۇ كېكەچ .
    غۇنچىدەك غەم ، خۇدۇك ، قورقۇنچ
    ئىچىمىزدىن چىقسۇن ئېچىلىپ .
    ساراڭلاردەك نامەلۇم قورقۇش
    ھاۋا شارىدەك كەتسۇن ئېتىلىپ .
    چۈشكۈنلەشكەن ، ئەي ، ئاق سۆڭەك ئەر
     قەددىڭنى كەر ، تىك تۇرۇپ ياشا !
    ئاق قۇچقاچمۇ ئۆزى تېپىپ يەر
    رىزقىڭنى تاپ يوللار كەڭ تاشا .
    زېمنغا يۈك ئاجىز ، ياۋاشلار
    كۈچلۈكلەرگە مېنىڭ قەسىدەم .
    قۇرۇپ كەتسۇن يىغلاپ قاخشاشلار
    ئۆز قىممتىنىڭ ئۆزۈڭدە ھەردەم .

    ئۇيغۇرتىلى ئىلىپەسىدىن
    ئوتتۇز ئىككى ھەرپ ماڭغاندا
    ئىزدەپ مېنى تەرەپ - تەرەپكە .
    قۇمدەك قايىتتىم تەكلىماكانغا
    ئايلانماستىن تاش يا ئەرەپكە .
    يۈرىكىدىن ئوتلۇق شەرقنىڭ
    مەڭگۈلۈك سىر رىتىمنى تاپتىم .
    تىرىك تاپىم قايتتى غەربتىن
    ئۆلمەس كىتاب بىلەن مۇڭداشتىم .
    ئۈمىد ئۈزگەن ياكى جان ئۈزگەن
    پەيلاسوپلار قەبرىسى كىتاب .
    ئۆزۈڭنى تاپ ، ئۆزۈڭگە يۈزلەن !
    كەلدى ياڭراق ئاخىرقى خىتاب .

    قايىتتىم ئەكىس سادادەك
    ئۆزلۈكى پاڭ خەلققە.
    ئۆيى خۇددى تالادەك
    سىر يوق سۇنۇق قەلبكە.

    ئەي ، قوز كۆزلۈك كىتابخان
    باقما مۇنداق كۆزۈمگە .
    مەن ئاخىرى ھەريەردىن
    قايىتتىم شىردەك ئۆزۈمگە .

     *        *        *

    ۋەتەن ئوچۇق ئاسمىنىڭ
    كۆك كەپتىرىڭ مەن كەلدىم .
    قۇچاق ئاچتى يەر - زېمىن
    كۆكلەم بىلەن تەڭ كەلدىم .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.