ئوغلۇم ئىقبالنىڭ ئىسمى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-27 10:06:42

ئوغلۇم ئىقبالنىڭ ئىسمىئادىل تۇنىيازئىسمى يوق قارنىڭ ئاق يالقۇنىنىپۈۋلەۋاتقان ئىلتەرىش خاقانئىسمى ئىدى ئوغلۇم ئىقبالنىڭ،ئىسمى يوق چاغدا كوچىدا قارنىڭ.بىز ئۇ چاغدا ئىدۇق مەككىدەئۇنىڭ جىسمى كۈ...

    ئوغلۇم ئىقبالنىڭ ئىسمى
    ئادىل تۇنىياز

     

    ئىسمى يوق قارنىڭ ئاق يالقۇنىنى
    پۈۋلەۋاتقان ئىلتەرىش خاقان
    ئىسمى ئىدى ئوغلۇم ئىقبالنىڭ،
    ئىسمى يوق چاغدا كوچىدا قارنىڭ.
     

    بىز ئۇ چاغدا ئىدۇق مەككىدە
    ئۇنىڭ جىسمى كۈندىن تامغاندا،
    ئۇنىڭ ئىسمى كۆكتىن چۈشكەندە،
    كۆكتىن چۈشكەن كىتابقا قاراپ
    چاقىرىپ كەلدۇق ئەزان توۋلاپ
    ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان پەرىشتىلەرنى،
    كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن يەرنى،
    قۇشتەك قونغان ئەسلىمىلەرنى...
     

    ئىقبالنىڭ ئىسمى قۇياش تاج كىيىپ
    ماڭغان چاغدا تاغلارغا قاراپ
    كىتابتا بار يوق ئادەملەردەك
    بىز ۋەتەنگە قايتتۇق ئالدىراپ.
     

    ئىسىمنىڭ ئىسمى
    تاغدىن قايتقان بىر كۈنى
    ئۇچراشتىم تاغدىن قايتقان ئەكىس ساداغا،
    قۇچاقلاشتىم مەڭگۈلۈك قارغاي ئاستىدا...
     

    ماڭماقتا ئۈچ ئوغلۇم قار لەيلىسىدەك
    تارىخنىڭ ئەتىكى كەينىگە قاراپ.
     

    ئوغلۇم ئىقبال ئوينار ئىسىمسىز
    ھەسەل ھەرىسىدەك گۈزەل چېچىپ.
    ئۇننى چېچىپ، خېمىرنى چايناپ
    ئانىسىنى بۇلاقتەك ئېچىپ؛
    «يە!» دەپ بېرىپ تۇرغان چولدىرىنى
    ئەركىلەپ قولىمىزدىن ئېلىپ قېچىپ...
     

    مەن بۈگۈن كېچە ئۇيقۇمدىن كېچىپ
    كۆزۈم بېلىقتەك قاراڭغۇلۇقنىڭ
    كۈمۈش تەڭگىلىك جىسمى بىلەن،
    يوقلۇقنىڭ بارلىق ئىسمى بىلەن
    بارلىقنىڭ يۈزۈمدەك ماسكىسى بىلەن.
     

    ئۆلتۈرۈۋەتتىم ئىككى چىۋىننى،
    سۆزلەپ سۆزلەپ كېتىۋاتقاندا
    ئۆلتۈرىۋەتتىم مەن شېئىرىمنى
    قەلبىم مۇناجات ئېيتىۋاتقاندا.
     

    تاڭ ئاتقاندا
    بۇدرۇق قوللىرى ئارىسىدىن
    ئۇخلاۋاتقان ئىقبالىمىزنىڭ
    كەلدىم كارۋاتقا قۇياشتەك يېقىن.
    خەزىنەمدىكى بۇ ئىنئام كىمنىڭ؟
    نۇرغا تولغان يەر ئاسمان كىمنىڭ.
    ئويلاپ قالدىم سايىدەك بىردىن ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.