شائىرنى ئىزدەش-ئۆزلەت

يوللىغۇچى : ozlat يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-20 11:45:55

شائىرنى ئىزدەشمەھمۇد مۇھەممەد( ئۆزلەت)سىز قالدىڭىزشۇ يىراق تۇپراقتا غېرىب بولغانسىزقەشقەردىكى كىندىك قېنىڭىزئۈرۈمچىدە سۈزۈك ئۈنىڭىزدەرمان ئىچىدە ئارمان ئىچىدەئۇلۇغ نىدا قۇرئان ئىچىدەيىراقتى...

     



    شائىرنى ئىزدەش
    مەھمۇد مۇھەممەد( ئۆزلەت)

    سىز قالدىڭىز
    شۇ يىراق  تۇپراقتا غېرىب بولغانسىز
    قەشقەردىكى كىندىك قېنىڭىز
    ئۈرۈمچىدە سۈزۈك ئۈنىڭىز
    دەرمان ئىچىدە ئارمان ئىچىدە
    ئۇلۇغ نىدا قۇرئان ئىچىدە
    يىراقتىكى ئۇيغۇر غېمىدە
    بەلكى كۆيىسىز سۇنىڭ ئىچىدە.
    قۇرغاق ئەللەر، ئۇلۇغۋار دەملەر
    ھەمىشىرىڭىز،ساۋاقدېشىڭىز،
    مېڭىپ يۈرەر تىكەن ئۆستىدە.
    تەقىپلەنگەن پەسىل ئىچىدە
    سىزنى ئويلار ئۈمىد ئىچىدە.
    ئۇيغۇر دىگەن تولمىغان مىللەت
    ياق!
    ئۇيغۇر دىگەن سولمىغان مىللەت.

    سىز كەتتىڭىز
    ئەمما قىيمايسىز
    ئاتام قېنى دەر؟
    كۆزى يۇرۇپ
    ئۇيغۇر بولۇپ تۇغۇلغان بوۋاق.

    ئارىمىزدا يەر يېرىلمىغان
    ئارىمىزدا يول ئايرىلمىغان.
    بالقىپ تۇرار ئېغىر مۇڭ بىلەن
     رەسىدە بولغان  موئمىنە قىزچاق!

    بىلىنمەكتە قەدرىڭىز كۈنلەر
    ‹‹ئەركەكلەر قېنى سىلەر!››
    سىزنى چاقىرماق بوپ جىمىقار ئۈنلەر،
    تېخى ئۆزۈمنى سۆيۈپ باقمىدىم
    تېخى قەدرىمنى قىلىپ باقمىدىم
    ‹‹قەشقەردىكى يەر شارى›› ئىچرە.

    ‹‹دېڭىزىكى كوچا››دە يۈرۈپ
    دوقۇرۇپلا يۈردۈم  ئۆزۈمگە.
    سۈلارنىڭ ئەكسىدە كۆرۈپ سايەمنى
    نەچچە رەت بۇژغۇندا قاينىغۇم كىلەر!
    داغدام دەپ ئويلىغان خالتا كوچىدا
    قىيان دەپ ئويلىغان لايلىق ئېقىندا
    سۈۋەرەكلەر
    بەخۇدۈك ياشىيالماي بولار ئاۋارە!

    2010.6

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.