مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى(غازى)

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-26 15:27:00

مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى(غازى) شەپىسىز ياشىدىم قاردەك لەپىلدەپ، جىمجىتلىق قەلبىمدە تۇتقان بىر ماكان. ئەڭ ئۇزۇن ئەڭ شىرىن يالغۇز ئۇخلىدىم.كارۋىتىم يېنىدا ئۆلگەن بىر ئارسلان. يوق بۈگۈن قولۇم...

    مەن كۆرگۈدەك چۈشمۇ قالمىدى
    (غازى)

      شەپىسىز ياشىدىم قاردەك لەپىلدەپ،
     جىمجىتلىق قەلبىمدە تۇتقان بىر ماكان.
       ئەڭ ئۇزۇن ئەڭ شىرىن يالغۇز ئۇخلىدىم.
     كارۋىتىم يېنىدا ئۆلگەن بىر ئارسلان.    

     يوق بۈگۈن قولۇمدا يۇيۇلغان يۈزۈم،        
      سىلايمەن ئاۋايلاپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم.   
      تورۇسقا تىكىلدىم ،  سۈرمىدىم خىيال
     غۇۋالىق ئىچىدە تالماقتا كۆزۈم .    
         
     ماڭدىم ، ماڭغاندەك دەريا بويىغا
     تىكلەنگەن سۇ خانا تېمىغا ئەينەك.  
    چىقىمەن ئۆيۈمدىن ، ئۇزاتماس ھېچكىم،      
      ئارسلانغا يار بولسۇن چانالغان يۈرەك.

     چىققىن ئۇيقۇلار ،  ياردەك ئېسىمدىن،
     قالمىدى ئاخىرى مەن كۆرگۈدەك چۈش.  
     كېتىمەن چېقىلغان خارابىلەرگە ، 
     ھاردۇردى روھىمنى بىلمەي سۆيۈشۈش ! 

           2007-يىلى25-دېكابىر. ئۈرۈمچى .

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 12:15:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.