بىز بۈگۈن

يوللىغۇچى : yulhun يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-21 17:10:22

بىز بۈگۈنھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ ئويناپ يۈردۇق بىز بۈگۈنئۇچرىغانلا قازاندا قايناپ يۈردۇق بىز بۈگۈن«ياشلىق دىگەن شاشلىق» دەپ ئىلىم-بىلىم ئۈگنمەيئاياللاردەك «پوپۇتاڭ» چايناپ يۈردۇق بى...

     

    بىز بۈگۈن




     

    ھاراق ئىچىپ مەس بۇلۇپ  ئويناپ يۈردۇق بىز بۈگۈن
    ئۇچرىغانلا قازاندا قايناپ يۈردۇق بىز بۈگۈن
    «ياشلىق دىگەن شاشلىق» دەپ ئىلىم-بىلىم ئۈگنمەي
    ئاياللاردەك «پوپۇتاڭ» چايناپ يۈردۇق بىز بۈگۈن

    مەس ئۈتىدۇ كۈنىمىز،دوس تۇتقاچقا قاۋاقنى
    بىزدەك نوچى بارمۇدەپ يەكۈنلىمەي ساۋاقنى
    كۇچا كۇيدا قاتىراپ لالما ئىتتەك ھەركۈنى
    ئاخىر بىركۈن يالايمىز يۈندە تۆككەن يالاقنى

    ھايا كەتسە ئادەمدىن بالا كىلەر ئورنىغا
    شۇسەۋەپتىن ئەقلىنى يۈتۈپ كىتەر قارنىغا
    بۇۋىلاردىن بىزلەرگە قالغان ئىسىل مىراس بۇ
    ئۇنتۇپ قالماڭ قوشماقتۇر كۈلكە بىلەن ھەم يېغا

    كۈرۈشمىسەك بىر ھەپتە سېغىنىشتۇق يالاشتۇق
    داۋان ئاشسا بەزىلەر چىدىمىدۇق غاجاشتۇق
    قىيامەتلىك دوس تۇرۇپ ئىككى تۆتتال پۇلنى دەپ
    ئادەم تۇرۇپ ئىتلاردەك ۋەھشىلەرچە تالاشتۇق

    بىز ئاشۇنداق مىللەتمۇ؟ كىمدۇر بىزنىڭ زاتىمىز
    ماخمۇد بىلەن يۈسۈپنى ماختاپ قۇشاق قاتىمىز
    ئەسلىمىزنى ئەسلەپلا ئويغانمىساق ئۇيقۇدىن
    ۋىجدان بىلەن ئەقىلنى پارچە نانغا ساتىمىز 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىللەت بۇگۈن _