كەل، ھالىمغا يەت...
زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
سورار كىم ئەسلى زاتىمنى، تۈرك-مەن، زاتى يافەس مەن
ئاياغىم ئاستى زەر، ئەمما بۈگۈن زەر ئۈزرە بىر خەس مەن.
بېشىمغا سەللە بوپ قات-قات ئورالمىش غەم بىلەن سەۋدا،
ئەجەبكىم ھەق ئەمەس، ئۈلپەت ماڭا گۆر قازغۇچى كەتمەن.
مېنى« سەن كىم؟» دېگەن ھەر كىم ماڭا باقمىش يوچۇن كۆزدە،
تۇتۇق قىلماققا «كىملىك»نى، مېنى پۇستانچى دەپ قەستەن...
چېقىلغاچ ئاينەكىم تارىخ، كۆرەلمەي ئەسلى زاكىرنى،
بۈگۈن ئاينەكىدە شىرنى مۈشۈك كۆرمىش تالاي خۇپسەن...
2011-يىل 19-ئاپرېل
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.