مۇقام(ماھىرە)

يوللىغۇچى : attirgul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 00:48:37

مۇقامماھىرەئەزىز كۈيلەرنىڭ سۇلتانى مۇقام ،بۈيۈك مىللەتنىڭ پەخرى سەن مۇقام ،تىللاردا داستان شۆھرىتىڭ ئۇلۇغ،بارچىنى ھەيران قالدۇرغان مۇقام .چاڭقىغان دىللارنىڭ زەمزىمى مۇقام ،بەھۇزۇر ھاياتنىڭ ...

    مۇقام
    ماھىرە
     
     
     
    ئەزىز كۈيلەرنىڭ سۇلتانى مۇقام ،
    بۈيۈك مىللەتنىڭ پەخرى سەن مۇقام ،
    تىللاردا داستان شۆھرىتىڭ ئۇلۇغ،
    بارچىنى ھەيران قالدۇرغان مۇقام .
     
     
    چاڭقىغان دىللارنىڭ زەمزىمى مۇقام ،
    بەھۇزۇر ھاياتنىڭ كۈلكىسى مۇقام .
    ئىجاتچان خەلىقنىڭ سۇلماس بۇلىغى
    ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتقان مۇقام،
     
     
    شەۋكىتىڭ جاھاندا ئۇلۇغدۇر مۇقام ،
    سەنئەتنىڭ جەۋھىرى،تۈۋرۈگى مۇقام .
    سېنىڭسىز يارالماس زىمىننىڭ مۇڭى ،
    قايغۇغا،شاتلىققا ھەمراسەن مۇقام .
     
     
    شانلىق تارىخنىڭ شاھىدى مۇقام ،
    زۇلمەتلىك يىللارنىڭ قۇربانى مۇقام .
    خەلقىمنىڭ نىداسى ئەلەملىك يېشى،
    ھەر بىر مۇڭلىرىڭدا يارالغان مۇقام .
     
     
    مەرھابا كۈيلەرنىڭ شاھتاجى مۇقام،
    مەدەنىيەت يالدامىسى گۆھىرى مۇقام.
    يادلىنار سەن بىلەن ئەجدادلار ئىزى،
    دەۋىرنىڭ قىممەتلىك مىراسى مۇقام .
     
     
    2011-يىلى27-ماي
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇقام _