مەن ھايات ~!!!

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-15 01:23:34

مەن ھايات ~!!! مەن ھايات ~!!! كىمدۇ مىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان،ۋىجدان ئۆلدى.ھايا ئۆلدى دەپ،چالۋاقىغان كەچمىشلىرىمدىن.بەك كۈلكىلىك بولدىغۇ بۇگەپ،مەن ھايات~~!!شەھەر بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىدا،رىستۇراندا يۈرىمەن ئۇ...

    مەن ھايات ~!!!

     

    مەن ھايات ~!!!

    كىمدۇ مىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان،
    ۋىجدان ئۆلدى.
    ھايا ئۆلدى دەپ،
    چالۋاقىغان كەچمىشلىرىمدىن.
    بەك كۈلكىلىك بولدىغۇ بۇگەپ،
    مەن ھايات~~!!
    شەھەر بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىدا،
    رىستۇراندا يۈرىمەن ئۇچۇپ.
    پاھىشخانا روجەكلىرىدە،
    گاھى ئۇچۇق گاھى دالدىدا.
    مەن ھايات!!!!!
    تۇغۇلمىغان سەبى بالىدەك،
    چۆلدى تىرىك يېتىپ قانسىراپ.
    بىراۋلارنىڭ تاپانلىرىدا،
    سەدىقىگە تەشنا غالچىدەك.
    يوقىتىمەن ،
    ئۆزىمنى،
    ھەممىنى،
    ئۇنتۇپ ئالدىراپ.
    مەن ھايات~~!!!
    قاۋاقخانا ،
    ھاراق-شاراپ،رومكا ئىچىدە.
    يات قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان،
    ئانار يۈزلۈك قىزچاق لىۋىدە.
    ساراڭلارچە تولغىنىپ كەتكەن،
    ئاتا -بالا چىكىشىپ كەتكەن.
    مۇھەببەتنىڭ نەپرىتى تاشقان،
    بىخۇدلاشقان يىگىت قەلبىدە.
    مەن ھايات~~~!!!!

     

    ئەدىپ:يازمىلىرىدىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەن ھايات