مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز

يوللىغۇچى : Arifbeg يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-26 08:37:19

مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز ... «ئىلىم »نىڭ ئاشخانەسىدە ئىدىك دوست بىرلە سۆھبەتتە،مىزاب كەلتۈردى، مىزبان: « ئىچكەنگە ھېكمەت بۇ شەربەتتە. سەئىدىيە دەۋارانىنىڭ دەستۇرخانىنى شەۋكەتتە –يورۇتقان، سىر ...

    مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز ...

    «ئىلىم »نىڭ ئاشخانەسىدە ئىدىك دوست بىرلە سۆھبەتتە،
    مىزاب كەلتۈردى، مىزبان: « ئىچكەنگە ھېكمەت بۇ شەربەتتە.
    سەئىدىيە دەۋارانىنىڭ دەستۇرخانىنى شەۋكەتتە –
    يورۇتقان، سىر ئەمەس ئەمدى، ئەسلىنى ئەيتسام ئەلبەتتە،
    سىقىلمىش قارغالىق ئانارىدىن شاھانە لەززەتتە.

     

    «مېنى يالغان دېمەڭ ھەرگىز، تاناۋىل ئەيلىگەندىن سور
    قازى، مۇفتى، ئىشان، خوجا بارى ئىچكەنىدىن مەغرۇر.
    ئاياللارنىڭ يۈزىنى گۈل قىلۇر، ئەرەنلەرگە ماغدۇر،
    مىزاب دۇر – ئابى ھايات دۇر، ساناقسىز خىسلەتى باردۇر.
    كۈللى مۈنكىرنى «خەۋارىج» دەڭ ئىنسانىي مۇھەببەتتە.

     

    «مۇھەببەت نەغمەسى ياڭراپ كۆكرەگەن ئاشۇ زاماندىن،
    بۇ مىللەت ئەركىن ياشاشقا ئاساس قويغاندا ئىمانىدىن.
    مۇقامنىڭ گۈلدەستەسىگە ساھىب ئاماننىساخاندىن،
    تەڭشەگەن سازىغا قەدەھ تولدۇرغان مەندەك مىزباندىن.
    كەلدى شۇ كەمگىچە خوش ئەنئەنە دوستلار خىزمەتتە.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-28 0:12:51]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىمەن شېئىر