كىسىلگەن توغراق(قۇربان بارات)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-10 03:56:51

كىسىلگەن توغراققۇربان باراتئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارىۋا ئوتۇن،قار‏-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى،مەش ئوتى ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان.ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىم...



    كىسىلگەن توغراق
    قۇربان بارات

     

    ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارىۋا ئوتۇن،
    قار‏-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان.
    سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى،
    مەش ئوتى ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان.


    ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى،
    ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق.
    شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر توپ،
    ياش ھەم ھۆل، يېڭىلا كېسىلگەن توغراق.


    ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز،
    ئۆلۇم ئازاۋىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ.
    ئانارنىڭ سۇيىدەك قانلىق كۆز يېشى،
    كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ.


    مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنچ،
    ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كۆپ مۇشكىلاتنى.
    ئۇ ياشنى قېرىتىپ، ھۆلنى قۇرۇتۇپ،
    كۆيگۇدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى.


    ھۆل توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى،
    قەھىرتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى.
    قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە،
    باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن- چاپقۇنى.


    ياز كېلىپ باشلاندى ئىسسىق كۇنلەرمۇ،
    بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ.
    ئويلۇدۇم ھۆللىگى يوقالدى بەلكى،
    ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ- قاغىجاراپ.


    لىكىن كىم ئويلاپتۇ؟ مەن ھەيران قالدىم،
    توغراقنىڭ ئاداققى،مەغرۇر ئىشىدىن:
    تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ ئۇرۇپ،
    ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن.


    دۇنياغا كۆز ئاچقان بۇ يېڭى بىخلار،
    كېسىلگەن توغۇراقتىن تاپقان ئىدى جان.
    نۇرلۇنۇپ تۇراتتى ئۇلار ياپ - يېشىل،
    باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمىران.


    ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك،
    كۆزگە تاشلىناتتى بۇدۇرۇق ھەم ئوماق.
    سەبىي بىر نەزەردە بېقىپ جاھانغا،
    كۇلەتتى بۆشۇكتە كۇلگەندەك بوۋاق.


    تۇغۇلغان بۇ بىقلار ئاپتاپ قوينىدا،
    تەلپۇنۇپ تۇراتتى ئەركە ۋە ئويناق.
    قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئۆلمەس كۈچىنى،
    نامايەن قىلاتتى كېسىلگەن توغراق.


    بىلدىمكى،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى،
    تېخى تىز پۇكمىگەن ئۆلۇم ئالدىدا.
    ئۆلمىگەن،ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار،
    ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا.


    ئويغاتتى پىكىرىمنى قايناق كۈچ بىلەن،
    كېسىلگەن توغراققا ياشنىغان تىھال.
    توغراقنىڭ تەغدىرى توغۇرلۇق مەندە،
    قوزغالدى ئىلھاملىق،ئەركىن بىر خىيال.


    ئويلۇدۇم: مېتالنىڭ قاتتىقى پولات،
    تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا.
    قارغاينىڭ قامىتى ۋە يېشىللىقى،
    دۇنياغا كېلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا.


    شۇ كەبى،توغراقنىڭ تەبىئىتىنى،
    توۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋىرۇ جاپاسى.
    بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنۇڭكى،
    ۋەتىنى - بىپايان قۇملار دۇنياسى.


    ئۇ ئانا تۇپىراقتىن تېپىپ ھاياتلىق،
    كەڭ چوللەر باغىرىدا ئۆسەر تۇغۇلۇپ.
    بىر زامان دەريالارئاققان ئىزلاردا،
    ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ.


    ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا،
    قۇياشنىڭ يالقۇنى، چۆل بورانلىرى.
    قىش كۇنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز،
    تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى.


    دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق،
    ۋە ھېچكىم چول ئارا سۇغارماس ئۇنى.
    ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت،
    ياز كەلكۇنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى.


    لىكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەربويى،
    ياشنىتىپ كەلمەكتە ھايات پەسلىنى.
    ئۆسمەكتە چۆللەردە يامىراپ ھەرياققا،
    ئۇزلۇكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى.


    دەھشەتلىك زەربىلەر، ياۋايى ئىقلىم،
    يوق قىلىپ كېتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى.
    ئۇ ھامان ئۆسىدۇ بېسىپ كەلسىمۇ،
    ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى.


    كېسىلگەن، تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ،
    ئۇ مانا مۇشۇنداق گۇللەيدۇ يەنە.
    يېشىل بىخ سۇرىدۇ خۇددى تىرەكتەك،
    ھاياتى كۈچىنى قىلىپ تەنتەنە.


    ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۇللەشلىرىدە،
    يارىدار جەڭچىنىڭ كۇلۇشلىرى بار.
    ئۆلىمى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم،
    قىلىچقا تايىنىپ يۇرۇشلىرى بار.


    ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن،
    بۇلۇتلار باغىرىدا ياڭرىتار سادا.
    ئۇ گويا زۇلمەتتە ئۆچكەن بىر يۇلتۇز،
    نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا.


    مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھاببەت بىلەن،
    تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق.
    ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ،
    كۆرۇندى كۆزۇمگە كېسىلگەن توغراق.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.