ئىقرارنامە (ساتىرا)

يوللىغۇچى : abral~kizi يوللىغان ۋاقىت : 2008-07-02 00:56:00

مەن ياتلاردىن قورقىمەن، قېرىنداشنى پۇتلايمەن، سالىمىم يوق پۇقراغا، كاتتىۋاشنى يوقلايمەن، پۇلى بارغا ھىجىيىپ، نامراتلارنى تىللايمەن، مەنپەئەت ئۈچۈن دوستقىمۇ مىلتىقىمنى ئوقلايمەن خۇشامەتنى دەسمى قى...

    مەن ياتلاردىن قورقىمەن،   قېرىنداشنى پۇتلايمەن،
     سالىمىم يوق پۇقراغا،  كاتتىۋاشنى يوقلايمەن،
     پۇلى بارغا ھىجىيىپ،  نامراتلارنى تىللايمەن،
     مەنپەئەت ئۈچۈن دوستقىمۇ مىلتىقىمنى ئوقلايمەن
     خۇشامەتنى دەسمى قىپ قورسىقىمنى توقلايمەن.

     مېنىڭ ئىككى يۈزۈم بار ئۇستا ھەرخىل سەنئەتكە،
     ئۆتەر كۈنۈم بەك خۇشال، باغرىم قانسا غەيۋەتكە،
     تېلىمەيمەن ياخشى كۈن ، قىرىنداشقا ئۈلپەتكە،
    مەن كۈلىمەن باشقىلار قالسا ئېغىر كۈلپەتكە،
     ئازاپ تارتسا باشقىلار مەن راھەتتە ئۇخلايمەن.

     قۇرۇق ئاتاق نام ئۈچۈن تۆرگە چىققۇم كىلىدۇ
    ، چىگىتچىلىك بولسىمۇ ئەمەل تۇتقۇم كىلىدۇ،
    بولۇپ قالسام تاۋكادا دائىم ئۇتقۇم كىلىدۇ،
     دۈشمەن ئەمەس دوستتىنمۇ قۇسۇر تاپقۇم كىلىدۇ،
    ياخشىلارنى مەن دائىم جازالايمەن ،سوتلايمەن. 

     ھەممە يۇرسە پىيادە مەنلا يۈرسەم ئات بىلەن،
     شاھقا چېقىپ دوستۇمنى كۈنۈم ئۆتەر دات بىلەن،
     يالاق يالاپ كۈنلىرىم ئۆتەر كاتتا زات بىلەن  ،
     تۇققانلارنىڭ پېيىنى قىيدىم بىللە يات بىلەن،
    ياشالمىدىم ئادەمدەك نومۇس نېمە ئۇقمايمەن.

     كاتتىلارنى كۆرگەندە نان ئالىمەن تىزلىنىپ،
     بوزەك قىلدىم يۇۋاشنى يۈرىكىگە تىغ سېلىپ،
     ئازدۇرىمەن ھەممىنى شەيتان بىلەن بىرلىشىپ،
     ئالۋاستىنى دوست تۇتۇپ ئۆتەلەيمەن سىردىشىپ،
     ھۈنەر قىلىپ مىكىرنى توسساقلاردىن ئاتلايمەن.

     نېمىشقىكىن قىينىلىپ كۈنۈم ئۆتەر ھەسەتتە،
     شەرەپ قۇچسا باشقىلار مەن يىغلايمەن بىر چەتتە،
     ئوماش ئىچسۇن ھەممىسى مەنلا يەيچۇ ئاش بەتتە،
     نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئېرىشىدۇ ھۆرمەتكە،
     ئاچچىقىمدا بەزىدە ئۆز ئۆزۈمگە قىيدايمەن.

    تۆھپە ، ئەجىر قىلغاننى تىللىغۇملا كىلىدۇ،
     ئىش خۇش ياقماس راست ئېيتسام ئۇخلىغۇملا كىلىدۇ،
     تۈرلۈك ئويۇنخانىدا ئوينىغۇملا كىلىدۇ،
     ئىچىپ ئېسىل شاراپتىن مەست بولغۇملا كىلىدۇ،
     سۈرۈپ كەيپى ساپانى مەن ئۆزۈمنى بۇلغايمەن.

     كۆنۇپ قالدىم ئەمدى مەن نەشە بىلەن ھاراققا،
    كۈندە بەش رەت قاتنايمەن ھاراق ئەرزان قاۋاققا،
     پۇت ،قوللىرىم تىترەيدۇ كۆڭلۈم تارتماس تاماققا،
    ئەمدى قانداق قىلارمەن بارالمايمەن يىراققا،
     راستنى ئېيتسام دوستلىرىم مەن تۈ گەشكەن ئوخشايمەن.

    مەنبە؛ قەلەم.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:46:27]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق