زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: بىر كىشى

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-07 11:50:22

بىر كىشىزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىسانسىز سۇئال بىلەن چىڭدالغان كاللىسىنىئالدىمغا قويۇپ:سۆيگۈسىز ھاياتىنىڭبۈگۈندىكى بىزگەۋەئاخىرەتتىكى ئۆزىگەئازاب بولۇپ تېڭىلىشىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىن...



    بىر كىشى

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    سانسىز سۇئال بىلەن چىڭدالغان كاللىسىنى

    ئالدىمغا قويۇپ:

    سۆيگۈسىز ھاياتىنىڭ

    بۈگۈندىكى بىزگە

    ۋە

    ئاخىرەتتىكى ئۆزىگە

    ئازاب بولۇپ تېڭىلىشىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى...

    شەيىخسىز مازار،

    راھىبسىز ساڭرام

    ۋە يېنىدىكى بىركىملەر

    سۇئالىغا سۇئال بولۇپ قوشۇلغاچ

    ئۆزىگە تۇتاشقان يولنىڭ بەكمۇ ئۇزاق ۋە قاراڭغۇلىقىنى

    شۇنىڭدەك

    پەيغەمبىرىدىن تاندۇرسىمۇ شەيتىنى

    قۇرت-قوڭغۇزدەك ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇدىغانلىقىنى

    ئېيتتى بىر كىشى.

    .............................................

    مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىدىم

    ئۇ ھەم مەن بىلەن

    مەن بىلەن پاراڭلاشقىنى شەيتان ئىدى،

    ئازماس اللە مەن بىلەن، دېدىم

     

    ...

     

    ئۆز پىكرىگە ئۈممەت بولغانلىقىنى

    ئېتىراپ قىلمىسىمۇ،

    ئىشىقتىن ئۈمۈدلەنگەن كۆزلىرىدە تىنغان كۆڭلىنى ئەگەشتۈرۈپ،

    ئۆز ئۆزىگە قايتتى

    ئۇ كىشى. ..

     

    كۆز ئالدىمدا

    سۇس يانماقتا

    قاپقارا بىر كۆمۈر پارچىسى 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.