نۇرىپەنىڭ كۆزى(ئوسمانجان ساۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 08:58:43

نۇرىپەنىڭ كۆزىئوسمانجان ساۋۇت1زۇلمەتنى يورۇتقان سېنىڭ كۆزلىرىڭ،تىنىقىڭ جېنىمغا قوشۇپ تۇرغان جان.ناخشىغا ئايلانغان دېگەن سۆزلىرىڭ،بارلىقىڭ قايناتقان تومۇرلاردا قان.شال ئىدى ھۆرلەرگە ئۆرگەن بۆ...

    نۇرىپەنىڭ كۆزى
    ئوسمانجان ساۋۇت



    1

    زۇلمەتنى يورۇتقان سېنىڭ كۆزلىرىڭ،
    تىنىقىڭ جېنىمغا قوشۇپ تۇرغان جان.
    ناخشىغا ئايلانغان دېگەن سۆزلىرىڭ،
    بارلىقىڭ قايناتقان تومۇرلاردا قان.
    شال ئىدى ھۆرلەرگە ئۆرگەن بۆزلىرىڭ،
    نۇر يولى ئىدىڭسەن تەڭرى بەرگەن يان.

    2

    ھەر قەۋەت ئالەمدىن تاللىغىنىم سەن،
    مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ يوق بۇڭا نالەم.
    ئىزىڭدىن ئۆيۈمدە ئۈندى مىڭ گۈلشەن،
    مىليونچە قەۋەتتۇر بىزنىڭ بۇ ئالەم.
    ھەر قەۋەت بېشىدا كۈمۈشتەك كۈلكەڭ،
    ئەقلىم لال ھەمىشە، ھەمىشە لالەم.

    3

    ئاسماننىڭ رەڭگىدە كىيىپ يېشىل تون،
    سىزىسەن بوشلۇققا يېشىل چەمبىرەك.
    ۋىسالغا ئالدىراپ، دېدىم باشقا قون،
    يۇلتۇزلار قىزىسەن شۇتاپ يەكمۇ يەك.
    يارىنى كۆرگەننىڭ تەلەيلىرى ئوڭ
    چۈش ۋەسلى پاكىزدۇر ئوڭىمىزدىن بەك.

    4

    گۈللەرنىڭ بەرگىدە قارچۇقۇڭ قاراپ،
    ئىپار ۋە رەڭلەرگە بېرىدۇ باھا.
    لەۋلىرىڭ لېۋىمگە تامچىتار شاراب،
    مىڭ ياشقا كىرىدۇ چوقۇم بۇ ۋاپا.
    تەنلىرىڭ تېنىمگە كېتىشكەن تاراپ،
    سەن باردا ئالەمدە بولمايدۇ جاپا.

    5

    تاملاردىن دەم ئۇرۇپ مارايدۇ كېيىك،
    تونۇدۇم كۆزلەرنى، چاچرايدۇ شولا.
    يەنە كۈي باشلايمەن كەتتى دىل ئېپ،
    ئالتۇندىن، كۈمۈشتىن پۈتۈلدى چۇلا.
    كېلىسەن بىر كۈنى قۇيۇن تون كىيىپ،
    مىنگىنىڭ ئارغىماق ئالا يا قۇلا...

    6

    بۇلاقلار كۆرسەتتى سۈزۈك بىر سۈرەت،
    قارچۇققا گۈللەردەك سۆزلەيدۇ چىراغ.
    قىسسەلەر يالقۇنلۇق، بايان رەتمۇ رەت،
    ھەسرەتتەك ئۆكسىتەر جېنىمنى پىراق.
    ماڭلايغا ئويۇپتۇ سېنى بۇ قىسمەت،
    ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن قاچالماس يىراق.

    7

    دەرەخلەر ئۇچىدا يۇلتۇز چاراقلاپ،
    سىنچىلاپ، زىغىرلاپ باقار قەدەمگە.
    قاينايدۇ تۇيغۇلار ياغدەك ۋاراقلاپ،
    دەرىجە تۆت خانە... ئەلا رەقەمدە.
    كېلىمەن مەنزىلدە ئاھ دەپ ياياقلاپ،
    جۇل بىلەن تۇل دېگەن ئالىي لەقەمدە.

    8

    ھاۋادا جېنىمىز بىر تىنىق ئۆزرە،
    تونۇدۇم چېقىنلار ئاشۇ بىر قاراق.
    ئەس - يادىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى گۈرزە،
    بىر باقساڭ يىگىتمەن بىر ئەسىر ياراق.
    كۆڭلۈمدە بار مېنىڭ تاغلاردەك ئۆزرە،
    ياشىدىم سېنىڭسىز...
    باغرىمدا تاراق...

    9

    تاڭلارغا قادالدىم... تاڭلارمۇ ماڭا
    قادالدى سەندىكى قاراشلار بىلەن.
    ھەننىۋا ھەسرەتنى سۆزلەيمەن ساڭا،
    تاڭلاردەك دىلدار يوق، تاڭلاردەك لىۋەن.
    ئوخشاپلا كېتىسەن ئەجەبمۇ ئاڭا
    تاڭ باردا كېچىلەر مەڭگۈلۈك ئىۋەن.

    10

    ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ سەن بوپ قارايسەن،
    نەلەرگە كەتتىكىن ئۇلارنىڭ ئۆزى.
    شەپەقتە گۈلخان سەن، گۈلدە ئارايسەن،
    مېنىڭ  - مەس بۇ چۇقۇم قۇدرەتنىڭ سۆزى،
    ئالەمدە مىليون كۆز... كۆزلەر يارايسەن،
    بۇ كۆزلەر ماڭا تەن دىلدارنىڭ كۆزى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوسمانجان ساۋۇت