ئېشەك ۋە نەسىردىن
ساداقەتجان ھاجى
غەيۋەتخورلار سۆزلەپ قويسا
نەسىردىن ۋە بالىسىغا،
ئېشەك ئالداپ نەسىردىننى
مىنىۋاپتۇ دولىسىغا.
ئېشەك دائىم نەسىردىنگە:
«ھاڭرا دوستۇم مەندەك» دەرمىش.
«ھاڭرىمىغان ئادەملەرنىڭ
ھالى بولار سەندەك» دەرمىش.
نەسىردىنگە سامان بېرىپ،
ئۆزى بۇغداي-قوناق يەرمىش.
كىم ئۇچرىسا، «بۇ نەسىردىن
ماڭا بەكمۇ ئامراق» دەرمىش.
نەسىردىننى ئۆز كۆڭلىدە
ئېشەك شۇنداق كۆندۈرەرمىش.
بىراق دانا نەسىردىنمۇ
ئېشىكىگە توقام توقۇپ
جامائەتنى كۈلدۈرەرمىش.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
(1999-يىل 7-ئاي. قەشقەر)
http://ketmenbay.blogbus.com/logs/34991513.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.