قاشتېشى بازىرى(ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر)

يوللىغۇچى : abduhelil يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-24 18:22:44

قاشتېشى بازىرىئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىرئادەم ئادەملىكتىن چىققان پىنھان جاي،رەڭدار تاش توپلانغان قاشتاش بازىرى.بۇ جايدا تاش ئەمەس، سېتىلىدۇ جان،بۇ ھەقنىڭ تىغ يىگەن قانلىق مازىرى.بۇ جاينىڭ توپا ر...

    قاشتېشى بازىرى
    ئابدۇخېلىل ئابدۇخېۋىر

     

    ئادەم ئادەملىكتىن چىققان پىنھان جاي،
    رەڭدار تاش توپلانغان قاشتاش بازىرى.
    بۇ جايدا تاش ئەمەس، سېتىلىدۇ جان،
    بۇ ھەقنىڭ تىغ يىگەن قانلىق مازىرى.


    بۇ جاينىڭ توپا رەڭ چېھرىگە باقساڭ،
    قاقلىنىپ ئاپتاپقا ياتىدۇ تاشلار.
    بىر تاشنىڭ رەڭگىدە
    بىر سۆزدە غىلپاللا كۆرسەڭمۇ ئەختەر
    بىر سۆزدىن مىڭ خەنجەر غىلاپتىن چىقىپ
    سەۋەپسىز تۈكۈلگەن بىر تامچە قاندا
    كۆرۈنۈپ قالىدۇ كىسىلگەن باشلار.


    قاشتېشى بازارغا چىققاندىن بىرى
    سۈزۈك ھەم پاكلىقى دەريادا قالدى،
    قىسمەتلەر باغرىنى جاھانغا يايدى.
    ئەسلى، ۋەسلىدىن ياتلاشقان تاشلار
    قاشلىقچى چوكانغا ئوخشىغان تاشلار
    رەڭ، جىلۋىسىدە ئەسنى سېھىرلەپ
    مەيدە تۈكلىرى پىشقان ئەرلەرمۇ،
    بۇرۇتى ئورامغا يەتكەن ئەرلەرمۇ
    بولۇپ نەچچە ئايالدىن تالاق
    جېنىنى داپ قىلىپ ھەر جايدا چالدى.
    ھۆل يەرگە كۆيىۋاتقان ئوتتەك تاشلىنىپ
    ئۆلۈمگە ئەڭ يېقىن دارغا يول ئالدى...


    يوق پەقەت بۇ بازاردا مېھىر- مۇھەببەت،
    ئادەم ئادەمنى تۇنۇماس ئەسلا.
    تاشلارغا ئايلىنىپ كەتكەن يۈرەكتە،
    بار پۇلغا دولقۇنلاپ ئاققان بىر دەريا.


    قاشتېشى بازىرى شۇنداق بىر بازار،
    ئىزلىسەڭ جاھاندىن تېپىلمايدىغان.
    زەر ئىزلەپ زەھەرنى قالغانلار ئىچىپ
    ئۆزىدىن ئۆزىگە ئۇرۇلغان خەنجەر
    مەڭگۈگە سىرلىرى ئېچىلمايدىغان.


    قاشتېشى بازىرى شۇنداق بىر بازار،
    ئايرىپ تەننى روھ ئورمىنىدىن
    قىلماقتا مېھىرنى قاقاسلىق باھار...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.