مەندىن نامراتقا...(ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:26:53

ئەخەت كەلپىن ئىنسانىيمەندىن نامراتقا...مەنچىلىك ياشىساڭ بولاتتى سەنمۇ،يەپ باقساڭ بولاتتى مەن يېگەن ئاشنى.گۇناھسىز ئادەمدەك، كەزگەندە كوچاماڭغىنىڭ ياخشىدى تىك تۇتۇپ باشنى.بەزىدە ھەۋەستە قارىسا...

    ئەخەت كەلپىن ئىنسانىي
    مەندىن نامراتقا...


    مەنچىلىك ياشىساڭ بولاتتى سەنمۇ،
    يەپ باقساڭ بولاتتى مەن يېگەن ئاشنى.
    گۇناھسىز ئادەمدەك، كەزگەندە كوچا
    ماڭغىنىڭ ياخشىدى تىك تۇتۇپ باشنى.

    بەزىدە ھەۋەستە قارىساڭ ماڭا،
    توساتتىن كېتىدۇ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.
    ھەم سەندىن ياخشىراق ياشىغىنىمغا
    كېتىمەن ئۆزۈمچە بەك خىجىل بولۇپ.

    بەزىدە مۇنداقمۇ ئويلاپ قالىمەن:
    تىللامدىغاندۇ مېنى، خەپ گۇي... دەپ.
    خەپ دەيمەن، دېيەلمەي قەلبىمدىكىنى
    ئىچىمدە ئۈن-تىنسىز ساڭا قۇت تىلەپ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.