شائىرنىڭ ئۆلىمى (يالقۇن ئەزىزى)

يوللىغۇچى : yalqunazizi يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-20 12:56:00

شائىرنىڭ ئۆلىمى ئاپتۇرى:يالقۇن ئەزىزى 1ئۇ چاچقان سىيادا ئوت ئالار ئۇپۇق ،ئۇنتۇلۇپ ئازاپتا يۈتكەن ئەسلىمە .ئۇ چۈشسىز ئۇيقۇدا يۈتەر ھەر كېچە ،مىسرالار قوينىدا بولۇپ مەس كېمە . كىرپىكلەر ئۈستىدە ...

     شائىرنىڭ ئۆلىمى

    ئاپتۇرى:يالقۇن ئەزىزى

    1
     ئۇ چاچقان سىيادا ئوت ئالار ئۇپۇق ،
    ئۇنتۇلۇپ ئازاپتا يۈتكەن ئەسلىمە .
    ئۇ چۈشسىز ئۇيقۇدا يۈتەر ھەر كېچە ،
    مىسرالار قوينىدا بولۇپ مەس كېمە .


    كىرپىكلەر ئۈستىدە تىتىرەيدۇ ئۈنچە ،
     ئۇ ئەمەس كۆز يېشى تۇرغان يالتىراپ .
    ئۇ تاڭدا قۇياشنى چىقىرىش ئۈچۈن ،
    يىقىىلار تۈنلىرى نەچچە قانسىراپ ...


    چېچىلغان تۇيغۇلار ... ئىسسىق شامالدا ،
    يىگانە پەنجىردىن چىقماقتا ئۇچۇپ .
    ئۆرلەيدۇ بارماقلار ئارىسدىن ھور ،
    ئۇ گويا قىزىل چوغ تۇرغاندەك تۇتۇپ .


    ئۇ بۇدەم ئاسماندا تەنھا ئۇچقان قۇش ،
    قۇتۇرغان دولقۇنلۇق تۇيغۇلار ئارا .
     ئۇ كۆردى يېرىلغان تۈننىڭ كۆكسىدە ،
    زەنجىردەك چىرماشقان قىزىل ۋە قارا .


    2
    ئۇ ياشتىن پۈتۈلگەن ئاپپاق شام گويا ،
    يىغىلغان ئۈن -تىنسىز نۇرىنى تۆكۈپ .
     ئۇ شەكىل قورشىغان ئاجىز يورۇغلۇق ،
    تۈن كېچە ئىچىگە كەتمەكتە چۆكۈپ ...


     ئۇ زەڭگەر رەڭ ئۇيقۇدىن ئېقىپ چۈشكەن چۈش ،
    چارچاتقان خىياللار كەتكەچ ئېغىرلاپ .
    ئۇ كۈمۈش نۇر قۇسقان ئالتۇن ئۆمۈچۈك ،
    مىسرالار تېنىدە يۈرگەن بېغىرلاپ .


    ئۇ تىككەن كۆزىنى بىپايان كۆككە ،
    يۈرۈكى ھەسرەتلىك ئۇيۇغان بۇلۇت .
    ئولتۇرۇپ ئۈمۈدنىڭ ئىشكىدە تەنھا ،
     ئۇ چاينار كېچىنى ئېغىر ئاھ ئۇرۇپ .


    ئۇ ئۆلدى ، روھىنى توزۇتتى شامال ،
    تەڭرىنىڭ روھىغا روھىنى چېتىپ.
    جىنازا ئىچىگە پاتمىدى بىراق ،
    ئۇ ئۆلگەچ شېئىرنى قۇچاغلاپ يېتىپ !


     مەنبە «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»

     

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:08:52]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يالقۇن ئەزىزى