سەرگەردان سايە(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-16 01:12:48

سەرگەردان سايەئادىل تۇنىيازقۇياش ئوخشار ياتىقىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا.كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟كىم قالدۇرغان سەرگەردان سايە؟ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ،چۈشكىنىدە كىمنىڭ شولىسىب...

     

    سەرگەردان سايە
    ئادىل تۇنىياز




    قۇياش ئوخشار ياتىقىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال شامغىلا.
    كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟
    كىم قالدۇرغان سەرگەردان سايە؟
    ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﺘﯩﻨﻤﯘ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ،
    چۈشكىنىدە كىمنىڭ شولىسى
    بولۇپ كەتتى پارە مىڭ پارە...
    ئېلىپ كەلدىم شەھەرگە
    سەھرانىڭ قۇم ئېرىقلىرىدىن
    خامانچىلار تومۇز ئىسسىقتا
    خامان تەپكەچ ئېيتقان قوشاقنى.
    روجەكتىكى سەت قەغەزلەردەك
    مۇشۇ ئاددىي قوشاقلار بىلەن
    قويماق بولدۇم ھاياتنى بېزەپ،
    لېكىن يەنىلا
    ئېشەك مىنىپ يۈرگەن چاغلاردەك
    تاپالمىدىم شاتلىق ئەمىنلىك
    قاپتۇ ماڭا غېرىپلىق بىلەن
    بالىلارچە مەيۈس تەمكىنلىك.
    پاكلىق گويا گۈزەل چۈشۈمدۇر
    بۆشۈكۈمدە قالغان ئۇنتۇلۇپ
    بېسىپ كىرىپ روھىمغا كۆز ياش
    بۇلاپ كەتتى نۇرغۇن نەرسەمنى
    شۇ ئازغىنە بىچارە كۈلكە
    بارى يوقى بىساتىم پەقەت
    تىلەي دۇنيا مىڭ رەت مىليون رەت
    تارتىۋالما ئۇنىمۇ يەنە.
    تىلىمەيمەن سەندىن تەبەسسۇم
    تىلىمەيمەن سەندىن ئۈمىد ھەم
    ئېھ تىلەيمەن، تىلەيمەن پەقەت
    مەن چوڭ بولغان بۆشۈكۈمنىلا.
    بىر دەقىقە ياتاي بۆشۈكتە
    ئانام بولۇپ بەرسەڭچۇ دۇنيا !
    شولا تارتىپ دېرىزىلەرگە
    كەچكى قۇياش پاتتى شەھەرگە
    كىم ياسىغان ئۇزۇن ئۇپۇق بۇ ؟
    كىمدىن چۈشكەن ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺳﺎﻳﻪ
    گۇگۇم قۇياشى
    يۈرۈكۈمگە پاتماقتا ئاستا ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.