ﻳﯧﻘﯩﻦﺑﻮﻟﺪﻯ(ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-31 09:21:14

ﻳﯧﻘﯩﻦﺑﻮﻟﺪﻯئابدۇخالىق ئۇيغۇرﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻱﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯩﺶﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻱﻛﯚﺯ، ﻳﺎﺗﯘﺭسەﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟ﺋﺎﻳﺎ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻳﯩﻘﯩ...

    ﻳﯧﻘﯩﻦﺑﻮﻟﺪﻯ
    ئابدۇخالىق ئۇيغۇر



    ﮬﺎﯞﺍ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ﺋﻪﻱﺩﻭﺳﺘﻼﺭ، ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭼﺎﻍ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
    ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﺎﺯ ﻣﻪﯞﺳﯘﻣﻰ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺑﯘ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﻗﯩﺶﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﻱﻛﯚﺯ، ﻳﺎﺗﯘﺭسەﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯗ؟
    ﺋﺎﻳﺎ ﺋﯩﺨﯟﺍﻥ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﯗﺭﻗﯩﺶ،ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﻳﺎﺗﯘﺭﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﻟﯜﻛﺘﻪﻙ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﮬﯧﭻ،
    ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﺘﻰ، ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﺱ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪى.
    ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﯟﺍﯓ ﻳﯧﻐﯩﭗﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺭ ﻣﯘﺷﻜﯘﻝ،
    ﮬﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﺗﯘ، ﺋﯧﺮﺧﯘﺍﻛﯧﺘﯩﺶ، ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﮬﺎﺭﺍﺭﻩﺕ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻱ ﺳﻪﻧﺨﯘﺍ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻳﻐﺎﺑﻮﻟﯘﺭ ﺩﺍﻟﺪﺍ،
    ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ! ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰﮬﻪﻡ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﻗﻮﭘﯘﯕﻼﺭ ﺋﻪﻱﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﯩﯖﻼﺭ،
    ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺗﯘ،ﺋﯧﺮﺟﯩﻴﯘﻛﯩﺮﯨﺶ،ﺳﻪﻧﺠﯩﻴﯘ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
    ﺋﯩﺸﯩﺘﻤﻪﻳﺴﻪﻥ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﻪﺭ، ﻗﯘﻻﻕ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺳﺎﻗﻤﯘ؟
    ﻛﯩﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﭽﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﮬﻪﻡ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.