زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: خىيال

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-20 20:54:10

خىيالزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىبىز ئۈچۈن رەببىمىز كۈن سانار چوقۇم،تۈن ھامان ئۇلىشار تاڭغا، دېگەنتىم...كۈندە مىڭ قوزغۇلۇپ ئاھ، خۇمارى جانپەقەت بىر سەن ئۈچۈن غەملا يېگەنتىم...قانچىلاپ يىل ئۆت...

    خىيال
    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
     
     
    بىز ئۈچۈن رەببىمىز  كۈن سانار چوقۇم،
    تۈن ھامان ئۇلىشار تاڭغا، دېگەنتىم...
    كۈندە مىڭ قوزغۇلۇپ ئاھ، خۇمارى جان
    پەقەت بىر سەن ئۈچۈن غەملا يېگەنتىم...
     
    قانچىلاپ يىل ئۆتتى، كەلمىدى تېخى،
    زارىققان دەملەرنىڭ پەسلى ئۇچرۇشۇش...
    ئادەملەر پىراقتىن قاچماقتا بەدەر،
    ۋە ھېچكىم چېلىقماس ئۆزۈمدەك تونۇش...
     
    شۇ ئەسنا قىچقاردى ئىچىمدە ۋاقىت:
    كەل، زاكىر! ئازادە قىلغۇم بار سېنى...
    ھەركىمنىڭ سايىسى يوغان ئۆزىدىن،
    بىلمەس ھەم ھېچكىممۇ زاۋال، دەپ ئۇنى.
     
    پەيلىدۇر زاماننىڭ زۇلۇم ئىستىمەك
    خۇشاللان ئۆزۈڭدە قالغىنى بىلەن...
    زېمىن ھەم گۈللەشتىن ئۈمۈد ئۈزمىسۇن...
    گۇۋاھ مەن ، زىكرىڭلا قىلار سېنى سەن!
     
    چىڭ چىگدىم رىشتىمنى ۋاقىتقا، ئۇنىڭ
    بەھرىدە نامايان بولدۇڭ سەن جېنىم...
    مەن سەن بوپ، سەن مەن بوپ قوشۇلغان دەقىق،
    ئاھ،  ئەنسىز چاقىرغان بىزنى زادى كىم؟
     
     
    2011-يىل 10-مارت
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.