ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : ۋەلى يوللىغان ۋاقىت : 2013-06-17 01:44:08

ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖﻏﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ،ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ.ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻟﻨﯩﯔ.ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﺎﻥ ﻗﯘﺷﯩﺪﯗﺭ،ﺑﯩﮕﯘﻣﺎﻥ،ﺑﯩﺸﻪﻙ.ﻳﯩﭗ ﺋﯜﺯﯛﻟﺴﻪ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ؟!ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺳﺎﻳﺮﯨﺸﯩﺪﯗﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ.ﭘﻪﺭ...

    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ

    ﻏﯘﻧﭽﻪ ﮔﯜﻟﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﯗﺭ،
    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﯕﯜﻟﻨﯩﯔ.
    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﺪﯗ،
    ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻣﻪﻟﯘﻟﻨﯩﯔ.

    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﺎﻥ ﻗﯘﺷﯩﺪﯗﺭ،
    ﺑﯩﮕﯘﻣﺎﻥ،ﺑﯩﺸﻪﻙ.
    ﻳﯩﭗ ﺋﯜﺯﯛﻟﺴﻪ ﺗﯘﺭﺍﻻﻣﺪﯗ
    ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ؟!

    ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ،ﺳﺎﻳﺮﯨﺸﯩﺪﯗ
    ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ.
    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺷﻨﯩﺸﯩﺪﯗ
    ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ.

    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻤﻨﯩﯔ 
    ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻰ.
    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻩﯜﻟﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ
    ﻛﯩﺸﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ.

    ﺳﺎﻟﻤﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ
    ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﯩﺪﻩﻡ،
    ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯜﻟﺴﺎ ﻳﯘﻳﯩﻼﺭ
    ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻡ.

    (ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ)

    شېئىرلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىلى نەشىر قىلىنغان <<ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى>> ناملىق توپلامدىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.