ئىككى تاش مۇڭدىشىپ ئولتۇرار سايدا(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 02:10:21

ئىككى تاش مۇڭدىشىپ ئولتۇرار سايداغوجىمۇھەممەت مۇھەممەتدەريالار سۈپسۈزۈك نومۇس ئىچىدەچېچىنى تارايدۇ تاغلارغا قاراپ.ئورمانلار كىرپىكى تۆكۈلەر كۈزدە،يۇلتۇزلار گاھىدا قويىدۇ قاۋاپ.يۆتىلەر دالىد...

    ئىككى تاش مۇڭدىشىپ ئولتۇرار سايدا
    غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت



    دەريالار سۈپسۈزۈك نومۇس ئىچىدە
    چېچىنى تارايدۇ تاغلارغا قاراپ.
    ئورمانلار كىرپىكى تۆكۈلەر كۈزدە،
    يۇلتۇزلار گاھىدا قويىدۇ قاۋاپ.

    يۆتىلەر دالىدا قىرى گۈلخانلار،
    ئىككى تاش مۇڭدىشىپ ئولتۇرار سايدا.
    چىغىر يول ئېزىقىپ قالىدۇ دائىم،
    بىر قىزچاق توختىماي يىغلايدۇ ئايدا.

    كۆكسىگە تەڭلەنگەن مىلتىقنىڭ ئۇچى،
    سايرايدۇ بىر قۇشقاچ پەرۋاسىز، خۇشال...
    بەلكىم بۇ بىر پارچە رەڭسىز رەسىمدۇر،
    يا چېچى چۇۋۇلغان سەمىمىي  ئايال.

    قاشتېشى ئىزدەش

    توساتتىن ئويغانغان دەريا بويىدا
    ساناقسىز ئاياللار تاشتۇر يالىڭاچ.
    چىڭقى چۈش شۇقەدەر قىزغىن ۋە ساختا،
    بىر يوچۇن ئامەتنى ئىزدەشتۇر ياشاش.

    كۈنلەر تاش بولسىمۇ قاتتىق ۋە ئېغىر
    بار كۈنلەر ئىچىدە قاشتېشى كۈنلەر.
    ئۆلۈمنى كۈيلەشمۇ ھاياتنى سۆيۈش،
    جۇدالىق ئىچىدە ئېچىلار گۈللەر.

    كەلمەس كېلەچەك كۈتكەنچە چاقناپ،
    كېلەر ئۇ توساتتىن، ئالدىنار يۈرەك.
    گۈزەلدۇر قاشتېشى ئىزدەش دەملىرى
    گۈزەل ھەم بىباھا قاشتېشىدىن بەك.

    تىۋىش

    بۇ كوچا، ئۇ كوچا ئوخشاش بىر كوچا
    بارغىلى بولىدۇ يارنىڭ ئۆيىگە.
    ئۇ ناخشا، بۇ ناخشا ئوخشاش بىر ناخشا
    ئوت قويار بەرىبىر كۆڭۈل ئۆيىگە.

    ئادەملىك كۈلپىتى يىراق يېزىدا
    بىر كونا تاغاردىن تۇرار چېچىلىپ.
    قىزىل گۈل ۋارقىراپ توزۇش ئالدىدا
    ئاداققى چەككىچە باقار ئېچىلىپ.

    بىر پاشا، ھەتتاكى ئاشۇ بىر پاشا
    ئەڭ مەشھۇر قانخوردۇر نامى تارالغان.
    ئادەملەر يوشۇرۇن ماڭار ئۆلۈمگە،
    بىلمەيدۇ، ماشىنا ئۆرۈلەر قاچان؟!

    شەخسىي  ئازاب

    مەن قېچىپ كېتىمەن ئەينەكتەك چوڭقۇر
    ئاي نۇرى ئوت قويغان خىلۋەت ئورمانغا.
    چۈنكى مەن قىز بىلەن سۆيۈشۈۋېتىپ
    ئايلىنىپ قالىمەن دائىم ھايۋانغا.

    يالىڭاچ ئېقىۋاتقان دەريا مەلىكە،
    ياكى تاغ شاھزادە ئىسقىرتىۋاتقان
    يولۇمنى توسالماس، توسالماس ھامان.
    ئاھۇ كۆز توغرۇلۇق شېئىر يازمايمەن،
    بار مۇڭلۇق كۆزلەردە كۆرۈنمەس قاپقان.

    يۈرىكىمنى يىرتىۋەتتىم
    گوياكى سالام خەتنى يىرتقاندەك، يىغلاپ...
    قىزىل گۈل ئەسلىدە قىزىل ئەمەسمىش،
    قومۇش پۆپىكىدە نە قىلسۇن ئازاب!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.