كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا

يوللىغۇچى : alimjana يوللىغان ۋاقىت : 2013-07-05 06:50:08

كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا،ئويچان گۆدەككونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا،خەت ئورنىغا ئۆزۈم باراتتىم.ئوچاقلارغا قالىساڭ شادا،ئۆزۈم بىرىپ كۆتەك ياراتتىم،شاڭخەيلەردىن تەبئىي گاز ئىلىپ،شادا ئورنىغا گازنى قالا...

         كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا،
      ئويچان گۆدەك 

    كونۋېرىتقا پاتسام گەر ئانا، 
    خەت ئورنىغا ئۆزۈم باراتتىم. 
    ئوچاقلارغا قالىساڭ شادا، 
    ئۆزۈم بىرىپ كۆتەك ياراتتىم، 

    شاڭخەيلەردىن تەبئىي گاز ئىلىپ، 
    شادا ئورنىغا گازنى قالايىتتىم. 
    ئايىغىڭغا بىشىمنى قويسام، 
    دەم ئالساڭچۇ بەكمۇ خالايىتتىم. 

    قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلساڭ سەن، 
    ئەسسالام دەپ ئۆيگە كىرەتتىم. 
    ئۆستەڭلەردىن توشىساڭ لاي سۇ،    
    زەم زەم ئىلىپ ساڭا بىرەتتىم. 

    چىدىمايسەن تۇخۇم يىيىشكە، 
    ئۆزۈم بىرىپ پاقلان سوياتتىم. 
    بوزەك قىلسا زالىملار سېنى، 
    مۇشتۇم بىلەن راسا قوياتتىم. 

    كۈندە ھاشار،مەجلىس بەك تولا، 
    بارسام ئەگەر ئۆزۈم ئاچاتتىم. 
    بىر قولۇمدا قانۇننى ئىلىپ، 
    زالىملارغا گەندە ئاتاتتىم . 

    سانىسا خەق تاشنى قولىدا، 
    ئىنتىگىرالدا قۇمنى سانايمەن. 
    ھوقۇق تۇتسا تۇتسۇن يولىدا، 
    بولمىسا مەن بىرىپ ئالايمەن. 

    دىففىرىسىنئال ئۆگەندىم بۈگۈن، 
    يىشىلمەكتە كاللامدا تۈگۈن، 
    تاش سانىسا مەن قۇم سانايمەن، 
    زالىملارنى قىلىمەن سۈرگۈن. 
       
    ( ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلىب ساداسى ) 
    ئاپتورى:ئويچان گۆدەك      مەنبە:ئۆز قەلىمىم
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كونۋېرىت ئانا