شېئىرنىڭ چېچى(غەنىزات ئۇيغۇر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 00:49:11

شېئىرنىڭ چېچى غەنىزات ئۇيغۇر ئاراشلىرىدىن ۋاقىتنىڭ ئاڭلىنىدۇ نۇزۇك ناخشىسى. چۇۋۇلماقتا شېئىرنىڭ چېچى. مىسرا -مىسرا قاناتلىرىدىن تۆكۈلمەكتە ھەرپ تامچىسى. (ئوتتۇز ئىككى ھەرپ - ئوتتۇز ئىككى چىش !...)...



    شېئىرنىڭ چېچى
    غەنىزات ئۇيغۇر

     

     

    ئاراشلىرىدىن ۋاقىتنىڭ

    ئاڭلىنىدۇ نۇزۇك ناخشىسى.

    چۇۋۇلماقتا

    شېئىرنىڭ چېچى.

    مىسرا -مىسرا قاناتلىرىدىن

    تۆكۈلمەكتە ھەرپ تامچىسى.

    (ئوتتۇز ئىككى ھەرپ -

    ئوتتۇز ئىككى چىش !...)

    ھەربىر ھەرپ

    ئۇيغۇرچە ئالقىش !...

     


    شېئىر -

    ئادەمسىمان قاناتلىق ئېلاھ.

     


    .................................................

     

     

    خانەم جىمجىت,

    تەنھا مەن, تەنھا.

    چېكەر ئىشىكنى,

    غەمكىن نوزۇگۇم,

    تەنھالىقنىڭ چۇڭقۇرلۇقىدا.

     

     

    نېگاھىدا

    شۇ بىرلا سۇئال :

    «نازۇك باشقا كۈن چۈشتى,

    ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟!!!... »

     


    سادىر

    ئات ئوينۇتۇپ چاپار روھىمدا.

    چىرقىرايدۇ

    نوزۇگۇم سىرىتتا !....

    بىراق,

    مەن يەنىلا مەن,

    يوق بىرتال تاش قولۇمدا ھەتتا...

     

    .........................

     

    نوزۇگۇم -

    مەڭگۈلۈككە ئايلانغان

    شېئىر !....

     

     

     

    1993 -يىل, 8 -فېۋرال, قەشقەر


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.