قەلىب ئىزھارى( ماھىرە)

يوللىغۇچى : attirgul يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-15 09:46:21

قەلىب ئىزھارىماھىرەئاشىقمەن دەيسەن ئۇزۇندىن بېرى ،سۆيدۈم دەيسەن چىن دىلىم بىلەن .كۈتىمەن دەيسەن قەدرىمنى قىلىپ ،سۆيەمسەن تائەبەت مېھرىڭنى بېرىپ؟ئەسلىدە بار ئىدى بىر گۈزەل سۆيگۇ،قەلبىمدە جۇش...

     

    قەلىب ئىزھارى
     ماھىرە
     
     
     
    ئاشىقمەن دەيسەن ئۇزۇندىن بېرى ،
    سۆيدۈم دەيسەن چىن دىلىم بىلەن .
    كۈتىمەن دەيسەن قەدرىمنى قىلىپ ،
    سۆيەمسەن تائەبەت مېھرىڭنى بېرىپ؟
     
     
    ئەسلىدە بار ئىدى بىر گۈزەل سۆيگۇ،
    قەلبىمدە جۇش ئۇرۇپ ياناتتى ھەر دەم.
    ياشايتىم ئۈمۈتتە كەلگۈسۈم ئۈچۈن،
    شۇڭىمۇ چاغ ئىدىم ئەسلا غېمىم يوق .
     
     
    كىرىپ كەلدىڭ خانەمگە تۇساتتىن بىر كۈن ،
    ئويغاندى مۇز كەبى قاتقان بۇ يۈرەك .
    تىلىدىم سۆيگۈمىزگە ئالەمچە شاتلىق ،
    چاڭقىغان يۈرەكلەر قانسۇن مېھىرگە .
     
     
     
    كېلىسەن ھە دائىم ئىللىق رەۋىشتە ،
    قەلبىمدە ھاياجان تېپچەكلەر شۇ دەم .
    كېتىسەن قالىمەن مۇڭلىنىپ مەھەل،
    ئىستەيمەن تەسەللى مىسكىن يۈرەككە .
     
     
    ئارزۇيۇم شۇ مېنىڭ بىلسەڭ ئەي نىگار،
    نىشانىم مەنزىلىم ئۆتسە بەخىتتە.
    سادىقلىق قىبلىمدۇر چۈشەنسەڭ ئەگەر،
    ۋاپادا ئۆتكەيمىز مەڭگۈ ئەبەتكە .
     
     
    2011-يىلى 14- ئىيۇن كەچ سائەت 23:32
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.