زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: سۆيگۈدىن باشقىسى...

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-23 22:08:02

سۆيگۈدىن باشقىسى زاكىرجانئابدۇلمەجىد سىددىقى يوقلۇقتۇر تۈنۈگۈن، يوق ئۇنىڭدا بىزبىز ھامان بۈگۈندە، ياشايمىز بۈگۈن.چىن تارىخ ئىچىڭدە يېزىلىپ بولغان،يېشىلگەي ئەتىدە ئاخىرقى تۈگۈن.رەڭلەنگەن دۇنيا...

    سۆيگۈدىن باشقىسى

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى
     

    يوقلۇقتۇر تۈنۈگۈن، يوق ئۇنىڭدا بىز
    بىز ھامان بۈگۈندە، ياشايمىز بۈگۈن.
    چىن تارىخ ئىچىڭدە يېزىلىپ بولغان،
    يېشىلگەي ئەتىدە ئاخىرقى تۈگۈن.

    رەڭلەنگەن دۇنيانىڭ رىشتى ئۆزگىچە،
    سۆيسەكمۇ تالاپ ھەم قىزغىنىپ تۇرۇپ؛
    ئالدىنىش ئىچىدە ئۆچىدۇ كۆزلەر،
    ئەڭ يېقىن كىرپىكنى ئالالماي تونۇپ...

    تەشناقاپ دېڭىزدا سۇ ئىزدەر بېلىق
    سۆيگۈ، دەپ دېڭىز ھەم چۆلگە ئاقىدۇ...
    سۆيگۈدىن باشقىسى يەنىلا يوقلۇق،
    ئاھ، بۈگۈن كەچ بولسا بىزدىن قاچىدۇ...



     

    2010-يىل 12-نۇيابىر 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.