(چوغلۇق)يۈرۇكىم

يوللىغۇچى : koklam يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-03 17:56:00

يۈرۇكىم يارغا ئەسلى مەن كۆيمىگەن، كۆيگەن مىنىڭ يۇرۇكۇم، ئىشقىدا شەيدا بولمغان، بولغان مىنىڭ يۇرۇكۇم. قامىتىنى سىزىپ ئۇنىڭ قويسا دىلنىڭ رامكىغا، سىزغان رەسسام مەن ئەمەسمەن، سىزغان مىنىڭ يۇرۇكۇ...

    يۈرۇكىم

    يارغا ئەسلى مەن كۆيمىگەن،

     كۆيگەن مىنىڭ يۇرۇكۇم،

    ئىشقىدا شەيدا بولمغان،

    بولغان مىنىڭ يۇرۇكۇم.

     

    قامىتىنى سىزىپ ئۇنىڭ قويسا دىلنىڭ رامكىغا،

    سىزغان رەسسام مەن ئەمەسمەن،  سىزغان مىنىڭ يۇرۇكۇم.

     خۇش قامەتلىك قەددى ئۇنىڭ قىلسا ئۆزىگە مەھلىيا،

     ياردار بولغان مەن ئەمەسمەن،  بولغان مىنىڭ يۇرۇكۇم.

     

     دىل خۇشلىرىنى كۈي قىلىپ،

     چالسا گۈزەل مۇزىكا،

     بىھۇش بولۇپ يىقىلغان،

    مەن ئەمەسمەن يۇرۇكۇم.

     

     كۆرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى،  كىزىپ كۈندە سەييارە،

     لەيلى بولغان مەن ئەمەس، بولغان مىنىڭ يۇرۇكۇم.

     ئاغىرىنىپ ئايدىن بۇندا قۇياشقا قاراپ يىغلىغان،

     مىسكىن غېرىپ مەن ئەمەس،  غىرىپ بولغان يۇرۇكۇم.

     

     <<ساھىل>>بولۇپ ئۆزلەرنىڭ، يوللىرىغا تەلمۇرۇپ،

     ماختاپ يۈرگەن مەن ئەمەس،  يۈرگەن مىنىڭ يۈرۇكىم.

     مەدىھىيەلەپ شەنىگە ئۇنىڭ،  يازسا مىڭلاپ ئەشئارە،

     سۆزىنى ئېيتىقان مەن ئەمەس، ئېيتىقان مىنىڭ يۈرۇكىم.

     

     مەنبە: قەلىمىم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق