مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن

يوللىغۇچى : baturtayqak يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-30 17:40:57

مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەنكەتتى بىر ئوت مىنى كۆيدۈرۈپكۆيدۈرگەندەك مىنىلاھېچكىم بىلمەس دەردىمنى .قالدىم يەنە بۇرۇنقىدەكلائۆز ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ.مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەنچۈنكى ئۆزۈم قالدىم...

     

    مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
     
     
    كەتتى بىر ئوت مىنى كۆيدۈرۈپ
    كۆيدۈرگەندەك مىنىلا
    ھېچكىم بىلمەس دەردىمنى .
    قالدىم يەنە بۇرۇنقىدەكلا
    ئۆز ئۆزۈمنى قۇچاقلاپ.
     
    مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
    چۈنكى ئۆزۈم قالدىم تەنھالا
    قالدىم خىيال دەريالىرىدا
    چىقالماستىن قارشى قىرغاققا
    يىتەلمەستىن يارنىڭ ۋەسلىگە.
     
    لىكىن
    يەتتىم ئاخىر  ئۆزۈمگە
    يەتتىم ئۆز نەسلىمگە.
    سىنىڭ قەلبىڭنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال
    سۆيگەن بولسام قەلبىمنى
     
    سۆيەر ئىكەن پۈتۈن ئادەملەر
    تاۋاپ قىلىپ بىر ئۆمۈر
    مەن سۆيگەندەك ئۆزۈمنى.
    مەن ئۆزۈمنى سۆيگەن ئوخشايمەن
    سۆيگەندەك قوياش ئۇپۇقنى
     
    مانا
    قاراۋاتىدۇ ئادەملەر
    تاتلىق كۈلۈپ كۆز قارچۇغۇمغا.
    ئەمدى سەندىن كۈتمەيمەن ئۈمىت
    تاپتىم ئاخىر ئۆزۈمنى
    ئۇزۇن يىللىق تارىخنى.
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.