دەپتىمەن

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-03 14:01:19

دەپتىمەن( يىگىت تىلىدا يېزىلغان) گۈلجەننەت مۇھەممەتبۇ دۇنيادا ياشاپمەن ھايات تېخى دەپتىمەن،دوست بۇرادەر ياق دېسە، ئىشىڭنى قىل دەپتىمەن.يۈردۈم شۇنداق لاغايلاپ، ۋاقىت ئۆتتى بىمەنە،تويدۇم ئەمدى پ...

    دەپتىمەن
    ( يىگىت تىلىدا يېزىلغان)


    گۈلجەننەت مۇھەممەت

    بۇ دۇنيادا ياشاپمەن ھايات تېخى دەپتىمەن،
    دوست بۇرادەر ياق دېسە، ئىشىڭنى قىل دەپتىمەن.
    يۈردۈم شۇنداق لاغايلاپ، ۋاقىت ئۆتتى بىمەنە،
    تويدۇم ئەمدى پەندىيات « ئىسىت!» ئەجەپ دەپتىمەن.

    ئاتا-ئانام بارىمدا مىسكىنلىرىم بىلىنمەس،
    قۇلاق سالماي سۆزىگە ھەر كۈنلىرى يۈردۈم مەست.
    پۇشايمانغا قاچىنى تاپالمىدىم خالايىق،
    ئاتا-ئانام ئەلۋىدا، بىلدىم ئەمدى كۆڭلۈم غەش.

    قول يۇيدۇم مەن ئىللەتتىن، ئەمدى قىلماي دەپتىمەن،
    ئاش-نان يېگەن ئادەمغۇ، بىر نىيەتكە كەپتىمەن.
    ئاتا-ئانا كۆردۈڭمۇ، كەچۈر مەندەك بالاڭنى،
    روناق تاپتىم ئەمدى مەن بولساڭلاركەن دەپتىمەن.

    مەندىن سىزگە نەسىھەت سۆزلىرىمنى باشلىدىم،
    تاپماپتىمەن ئەقلىمنى ئىسراپ بولدى ياشلىقىم.
    ھايات دېگەن بىزلەرگە بېرىلگەنكەن بىر نۆۋەت،
    سۆيگىن ئاۋۋال ئۆزۈڭنى سۆيىلىسەن تائەبەد.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.