چىچەك پەسلى(سەھرا قىزى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 02:33:01

چىچەك پەسلىسەھرا قىزىتۇرماپمىدى ئاخشاملا تېخى، دەل -دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ.مانا سەھەر باشقىچە ئالەم، باغ يېتڭپتۇ ھال رەڭ تۈس ئېلىپ.كەلگىنىدە ۋاختى سائىتى، چىچەك پەسلى گۈل چىراي ئاچتى. كۈنى ت...

    چىچەك پەسلى
    سەھرا قىزى



    تۇرماپمىدى ئاخشاملا تېخى، 
    دەل -دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ.
    مانا سەھەر باشقىچە ئالەم،
    باغ يېتڭپتۇ ھال رەڭ تۈس ئېلىپ.

    كەلگىنىدە ۋاختى سائىتى،
    چىچەك پەسلى گۈل چىراي ئاچتى.
     كۈنى  تۈگەپ قىش قىرو پەسلى،
    قەەيەرگىدۇ يوقالدى قاچتى.

    قاراڭ ئەنە كۆز قاماشتۇرار،
    گۈل بەرگىدە مەرۋايىت شەبنەم.
    كۈنمۇ چىققاچ كىلىندەك كۈلۈپ،
    بار گۈزەللىك بۇندا بولغان جەم.

    گۈپۈلدەيدۇ شۇنداق خۇش پۇراق،
    مىڭ كىسەلگە داۋا دىسە ئاز.
    قۇشلار سايرار بەئەينى بىھۇش،
    قىلىشقاندەك مىڭ نەغمىچى ساز.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.