ئاتا-ئانا

يوللىغۇچى : xaytan217 يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-24 11:47:00

ئاتا-ئانا ئاتا يۈرۈكىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قۇياش، كۆزلىرىڭدە ياسايدۇ شەپەق. يىگىرمە تال گۈلدەستە تىزىپ كىرەر ئوغلۇڭ چۈشىڭگە ئاستا يات شەھەردە يىراق-يىراقتا. ئانا چېھرىڭىزدە ئوخلاپ قالغان ئاي، لېۋى...

                                                                                             ئاتا-ئانا

         ئاتا يۈرۈكىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قۇياش،
    كۆزلىرىڭدە ياسايدۇ شەپەق.
    يىگىرمە تال گۈلدەستە تىزىپ
    كىرەر ئوغلۇڭ چۈشىڭگە ئاستا
    يات شەھەردە يىراق-يىراقتا.

    ئانا
    چېھرىڭىزدە ئوخلاپ قالغان ئاي،
    لېۋىڭىزدە ئوماق تەبەسسۇم
    چۈشلىرىڭىز شېرىن ئھتىمال
    ئوتۇن تېرىپ كېلىپ جاڭگالدىن
    ئوت ياقىدۇ يۈرەككە ھاي-ھاي

     ئاتا
    ئويغانغاندا ئۇيقىدىن ئاستا
    ئاڭلىنىدۇ ئەزان ئاۋازى

    ئانا
    باسماق بولغاندا ،
    باغرىڭىزغا ئەشۇ ئوماقنى
    ئاتام يۆتەلدىمۇ بوغۇق ئاۋازدا.

    ئاتا ناماز ئوقار سەپكە قېتىلىپ
    پۈرەك ئاچار قەلبىدىكى يىگىرمە باھار
    ياساپ چىقىپ قۇش قانىتىنى
    ئۇچار ئوغلى قېشىغا قاراپ
    دەل ئەشۇ چاغ ئامىن
    خيالىنى بۆلدى ئاتىنىڭ

     ئېشىكىگە مىنىپ ئاتىجان
    كېتىپ قالدى
    خىلۋەتتىكى جىمجىت ئېتىزغا
    ئانا
    جاينامازدا ئولتۇرۇپ راۋرۇس
    تىلەيدۇ ھەم ئوغلىغا تېنچلىق
    ئىنساپ! بەخىت!
    سائادەت! ئامەت!
    ياش تۆكىدۇ ئۈنسىز ئاۋازدا
    تىلىگىنى بەرسۇن خۇدا دەپ.


    يىراقتىكى خىلۋەت يېزىدا
    نالە قىلار ئاي بىلەن قوياش
    كۆزلىرىدىن تۆكۈپ زەرداپ ياش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق