يول(ياسىن زىلال)

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-09 19:02:03

يولياسىن زىلالچەكسىز ئالەم،ھېسابسىز ئادەم،رەڭمۇرەڭ ھايات،خىلمۇخىل خۇلق،تۈمەن مىڭ مىجەز ....ئەجەپ دۇنيا بۇ :توختىماس تىلەك، ھەر خىل ئىتىقاد .ھەر كىمدە، ئۆزگىچە خىيال ۋە ئۈمىد،ھەر بىر مېڭىدە،ئۆ...

    يول
    ياسىن زىلال


    چەكسىز ئالەم،
    ھېسابسىز ئادەم،
    رەڭمۇرەڭ ھايات،
    خىلمۇخىل خۇلق،
    تۈمەن مىڭ مىجەز ....

    ئەجەپ دۇنيا بۇ :
    توختىماس تىلەك، ھەر خىل ئىتىقاد .
    ھەر كىمدە، ئۆزگىچە خىيال ۋە ئۈمىد،
    ھەر بىر مېڭىدە،
    ئۆزگىچە سېزىم،
    ئۆزگىچە تۇيغۇ، ئەقىل، ئىتىقاد.
    زېمىندە شۇنچە كۆپ چوڭ-كىچىك يوللار،
    كېتىدۇ سوزۇلۇپ ھەر بىر تەرەپكە :
    بەزىسى غەرىبتىن-شەرىققە،
    بەزىسى جەنۇبتىن-شىمالغا،
    بەزىسى تۇتاشقان ھەتتا ئۇپۇققا .
    ساناپ بولماس،
    بۇ قانداق ئەھۋال؟

    زېمىننى گەر بىر تەخسە دېسەڭ .
    يوللار بىر تەخسە لەغمەندەك،
    بىر –بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن،
    كېسىشىپ ئۆتكەن،
    شۇنچىلىك نۇرغۇن،
    بۇ ئاددى مىسال!
    لېكىن قايسى يول بىلەن،
    ماڭغىن قاياققا،
    ئايرىلىپ كېتەلمەيسەن ئانا زېمىندىن!
    شۇڭا كىم، قايسىسىنى خالىسا،
    مېڭىپ كۆرسۇن خالىغىدىن،
    توسىمايلى ئۇنى،
    ئۆزىنىڭ يولى!
    مەن سېنى «ئۇنداق» دەپ،
    سەن مېنى «مۇنداق» دەپ،
    تاپماقچى ئىدۇق زادى نىمە نەپ؟!

    بىر ئېغىزلا گەپ:
    ياشاپ –ياشاپ،
    كېتىمىز، ئاخىر بىر-بىرلەپ !
    ئۆلمەيدۇ ھايات،
    قالىدۇ تارىخ،
    ياشايدۇ ئەۋلاد.
    ھاياتىمىزدىن،
    ئىش-ئىزىمىزدىن،
    نەسلىمىز بىر كۈن،
    قىلار ھېساۋات!!!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يول ياسىن زىلال