ئادەمدەك ياشا(ماھىرە)

يوللىغۇچى : attirgul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 01:19:45

ئادەمدەك ياشاماھىرەئادەم سەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،ئۆزەڭگە قويمىغىن زىنھار تەمەننا.كېلىشىڭ نەسەۋەپ كېتىشىڭ قايان،ئويلىغىن دوستلىرىم غەپلەتتە قالما.ئادەمسەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،يىيىشىڭ ،ئى...

     

    ئادەمدەك ياشا
    ماھىرە
     
     
    ئادەم سەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
    ئۆزەڭگە قويمىغىن زىنھار تەمەننا.
    كېلىشىڭ نەسەۋەپ كېتىشىڭ قايان،
    ئويلىغىن دوستلىرىم غەپلەتتە قالما.
     
     
    ئادەمسەن ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
    يىيىشىڭ ،ئىچىشىڭ ئەمەستۇر دۇنيا .
    كۆرەڭلەپ كىبىردە يۈرسەڭ ئەگەر سەن ،
    قالىسەن بىر كۈنى ھەسرەت ئارماندا .
     
     
    ئادەم سەم ئاخىرى ئادەمدەك ياشا ،
    يوللۇرۇڭ قۇد بولسۇن مېھنەت قىل راسا.
    مۈشكۈللەر توسسىمۇ ،ۋايسىما ھەرگىز،
    ئۆزۈڭنى ئەر چاغلاپ ھاتەمدەك ياشا .
     
     
    2011-يىلى 15- ماي
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھايات ئادەم ھاتەم _