نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز(مۇھەممەدجان راشىدىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 01:39:49

نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىزمۇھەممەدجان راشىدىنھايۋان ئىزىدىن كەتتۇق بەزىلەر،قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟ئەخلاق بېغىدا ئۈندى شۇم بۇ...

    نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز
    مۇھەممەدجان راشىدىن



    ھايۋان ئىزىدىن كەتتۇق بەزىلەر،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟
    قالدى تەڭرىگە قىلغان لەۋزىلەر،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

    ئەخلاق بېغىدا ئۈندى شۇم بۇيا،
    قېنى قىزىلگۈل،قېنى مەرگىيا؟
    تۇرغان يېرىمىز خەتەرلىك قىيا،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

    ئوغرىلىق -نەسلىك چاشقانىڭ ئىشى،
    غاجايدۇ كۆچەت ئۆچكىنىڭ چىشى.
    شۇلاردەك ئۆتسە ئەگەر ھەر كىشى،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

    بىرى كۆڭلىدە ھايۋانىي ھەۋەس،
    بىرى كوچىدا ياتار بىھۇش-مەست.
    ئىنساننىڭ يولى ئەسلىي بۇ ئەمەس،
    نەلەردە قالدى ئىنسانلىقىمىز؟

    بىردە نىشان ھارامدىن بېيىش،
    قۇزغۇندەك ياشاپ،ھايۋاندەك يېيىش.
    سۈزۈك سۇلاردا بۇلغىنىش، لېيىش،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

    پارىخورلاردا ئۇنتۇلدى خەلق،
    خىيانەتكەردا بۇلغاندى قەلىب.
    ئەقىل ھارامغا قىلىندى سەرىپ،
    قالدى نەلەردە ئىنسانلىقىمىز؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.