پەرزەنت ھەققىدە

يوللىغۇچى : ketmenbay يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-07 18:02:06

پەرزەنت ھەققىدەساداقەتجان ھاجىپەرزەنت - ئاتا-ئانىنىڭ بەخت-ئامەت يۇلتۇزى.بۇ يۇلتۇزنىڭ نۇرىسىز كۆڭلىمىزمۇ يورىماس.پەرزەنت - ئاتا-ئانىنىڭ مىۋىسى ھەم يىلتىزى.ھاياتىمىز دەرىخى شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرىماس.پ...



    پەرزەنت ھەققىدە


    ساداقەتجان ھاجى


    پەرزەنت - ئاتا-ئانىنىڭ بەخت-ئامەت يۇلتۇزى.
    بۇ يۇلتۇزنىڭ نۇرىسىز كۆڭلىمىزمۇ يورىماس.
    پەرزەنت - ئاتا-ئانىنىڭ مىۋىسى ھەم يىلتىزى.
    ھاياتىمىز دەرىخى شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرىماس.
    پەرزەنت بىلەن ئەمەلگە ئاشار ئارزۇ تىلەكلەر.
    پەرزەنت بىلەن ھەر ۋاقىت كۈلۈپ تۇرار يۈرەكلەر.

    بىز ياندۇرغان بولساق شام، ئۇلار چىراق ياقىدۇ.
    پەرزەنت بىلەن چوغىمىز ئايلىنىدۇ گۈلخانغا.
    ئېرىقتىكى سۈيىمىز دەريا بولۇپ ئاقىدۇ.
    پەرزەنتى بار ئائىلە ئوخشايدۇ چوڭ ئورمانغا.
    پەرزەنت بىلەن بولىدۇ ئاتا-ئانا قىممىتى.
    ئاتا-ئانا بەختىدۇر پەرزەنتلەرنىڭ ھىممىتى.

    پەرزەنت ئەلگە قېتىلسا ئەلنىڭ سېپى ئۇلغۇيار.
    پەرزەنتلەرنىڭ ئەجرىدىن گۈلگە تولار ئىزىمىز.
    پەرزەنت ئەقلى يىتىلسە ئەلدە ئۈمىد تۇغۇلار.
    ئۈمىدىدۇر ۋەتەننىڭ ھەر بىر ئوغۇل-قىزىمىز.
    شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتكە مىھرىمىزنى بېرەيلى.
    پەرزەنتلەرنىڭ ئۆمرىنى، ئىنسابىنى تىلەيلى.

    ★★★★★
    1997-يىل 4-سىنتەبىر. قەشقەر(
    «قەشقەر گېزىتى» 1999-يىل 30-يانۋار.)
    ★★★★★

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.