ئاشىق-مەشۇق ئۆلۈپ كەتكەنمىش

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 16:16:29

ئاشىق-مەشۇق ئۆلۈپ كەتكەنمىشقەسىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ جىمجىت،ھەسرەتلىك ئكركەشلەر سىرلىق مەنزىرە.بىر تامچە كۆز ياشتا كۆيۈپ تۇرىمەن،مەن يوق، سەنەم يوق ئۆينىڭ ئىچىدە.شاماللار گايىدا ھۇۋلاپ قويىدۇ،...



     

    ئاشىق-مەشۇق ئۆلۈپ كەتكەنمىش

     

    قەسىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ جىمجىت،

    ھەسرەتلىك ئكركەشلەر سىرلىق مەنزىرە.

    بىر تامچە كۆز ياشتا كۆيۈپ تۇرىمەن،

    مەن يوق، سەنەم يوق ئۆينىڭ ئىچىدە.

     

    شاماللار گايىدا ھۇۋلاپ قويىدۇ،

    يۇيۇندى تامچىلار سۈزۈك تېنىمدە.

    يىغلاپ يۈرمە بەڭباشلىقغىمغا،

    يۈرۈگۈمگە ئاسايىش تىلە!

     

    گۈل تۈۋىدە ئوخلاپ قالسام گەر،

    رىشتىڭ بولسۇن زىلەيخا!

    خورىزىڭغا قويما ئۆگىتىپ،

    بەك شېرىنكەن تۇتاش ئۇيقىلار.

     

    دىل سورىما مېنىڭدىن مەڭگۈ،

    مەندە يۈرەك سېسىپ كەتكەنمىش.

    قەدىم-قەدىم زاماندا بىلسەڭ،

    ئاشىق-مەشۇق ئۆلۈپ كەتكەنمىش.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاشىق-مەشۇق ئۆلۈم