زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى: تەرىقەت ھىسلىرىم

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-20 20:37:00

تەرىقەت ھىسلىرىمزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى1ئەي خەزىنەم، سىز ئۈچۈن مەن خانىدانىمدىن كېچەي،بولسا ئىمكان بۇ ماكانىم ، بۇ زامانىمدىن كېچەي...قاش ئېتىپ كەلسە ۋاپاسىز، باغرى تاش دۇنيالىقىم،تەنگە...

    تەرىقەت ھىسلىرىم
     
    زاكىرجان  ئابدۇلمەجىد سىددىقى 
     
    1
     
    ئەي خەزىنەم، سىز ئۈچۈن مەن خانىدانىمدىن كېچەي،
    بولسا ئىمكان بۇ ماكانىم ،  بۇ  زامانىمدىن كېچەي...
     
    قاش ئېتىپ كەلسە ۋاپاسىز، باغرى تاش دۇنيالىقىم،
    تەنگە مىھمان جان ئۈچۈن سالغان ئۇۋالىمدىن، كېچەي.
     
    ياز بىلەن كۈز بەرىبىركەن  جانغا راھەت بەرمىسە،
    بولسا ۋەسلىڭىز زىمىستان، مەن باھارىمدىن كېچەي.
     
    ئۆرتىنەر جان ھەر دەقىيقە سىز بىلىنمەك ئىستىگەچ،
    شۇل مۇراد ھاسىل ئۈچۈن، مەن بولدى جانىمدىن كېچەي.
     
     
    2
     
     
    ئىشق سالىكلەرى كۆپتۇر، سۆيۈش ئىمكانى كام بۇندا،
    سەۋەب: داۋراڭغا تۇشلۇق يوق  قەلب، ئىمانى كام بۇندا.
     
    جاھان مۈلكىگە تاشلانغان نەزەر دەۋاسى – سۇلتانلىق،
    قىلارغا ھەق ئۈچۈن ئېرشاد، كۆڭۈل سۇلتانى كام بۇندا.
     
    مەگەر ئاشىق تەلەب ئېتسە، تەلەب ۋاسىل ئەمەس، دەردتى!
    ئىشق دەردىگە بەرداش يوق، سەبىر پەيمانى كام بۇندا.
     
    مۇھەببەت رەنجىدىن ئاۋاتلىشار ئەردى  ھېيتگاھ دىل،
    بىراق زاكىرغا پەر كەلگەي جۇنۇنى بارى كام بۇندا.
     
     
    2010-يىل 5- ئاي
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.