ئارمان قەسىدىسى

يوللىغۇچى : ahadi يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-28 23:19:00

ئارمان قەسىدىسى ---ئەھەدى--- يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئەمما كۈلۈپ ياشايمەن ، يۇلۇپ ئېلىپ يىغلاڭغۇ قىسمەتلەردىن كۈلكەمنى . خىيالىمدا دۇنيانى چۇۋۇپ قايتا ياسايمەن ، ئۇمۇرتقامنى خىش -كىسەك ،تىيەك...

         ئارمان قەسىدىسى
    ---ئەھەدى---

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئەمما كۈلۈپ ياشايمەن ،
    يۇلۇپ ئېلىپ يىغلاڭغۇ قىسمەتلەردىن كۈلكەمنى .
    خىيالىمدا دۇنيانى چۇۋۇپ قايتا ياسايمەن ،
    ئۇمۇرتقامنى خىش -كىسەك ،تىيەك قىلىپ يەلكەمنى.

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئەمما كۈلۈپ ياشايمەن ،
    قاقاھلىغان كۈلكەمدىن سۆيۈندۈرۈپ ئالەمنى .
    دىلپايەمدە يىڭىدىن يىڭى ئارمان ئۈندۈردى ،
    ھايات ھامان كۆمەركەن ئارمانلارغا ئادەمنى .

     يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئارمان قىلىپ كۈلكىنى ،
    بىر كۈلكىگە بىر يىغا يۇرەر ئەمما سوڭدىشىپ .
    قىزىل گۈلنىڭ يېىنىدا بولغىنىدەك تىكىنى ،
    كۈلكە، يىغا مۈكۈلەڭ ئوينار ھامان قوغلىشىپ .

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئون ئاي،ئون كۈن ، ئون دەقىق...
    ياتقان ئانام باغرىدىن ئايرىلىشقا چىدىماي .
    يىغلىشارمىز يەنە بىر ئۇرۇق- تۇققان، يار- رەپىق ،
    چاپلاشقاندا سالجىدەك ئۆلۈم دىگەن رۇدۇ پاي ...!

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، يەنە يىغلاپ كېتەرمەن ،
    ئىككى يىغا ئارىسى غەنىمەتتۇر مەن ئۇچۇن .
    قىزىق دېسەڭ ھاياتنى بەلكىم تەسدىق ئېتەرمەن ،
    قوشۇلمايمەن ۋە لېكىن دېسەڭ سىرلىق ھەم يوچۇن ،

     يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ،ئارمانلارنى ھاپاشلاپ ،
    كېتەرىمدە ئارماننى يەنە يۇدۇپ كەتكىم يوق .
     ئېسەنكىرەپ باش قاشلاپ ،قۇرۇق كۆلگە تور تاشلاپ ،
    ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە پۇشايمان يەپ ئۆتكۇم يوق !

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ، ئارمان پەۋەس دىلىمدا ،
    ئۈگۈتلەنسەم ھاياتنىڭ غەلۋىرىدە تاسقىلىپ .
    پۈچەك ياكى چار ئەمەس، مەرۋايىتتەك دېنىمدا
    چىقسام دەيمەن دوستلىرىم ئالدىڭلارغا ئاش قىلىپ.

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا ھېزى بولۇپ ئۆزۈمگە ،
    ھايات ئالار ئىمتاھان چۈنكى ھەربىر ئىنساندىن.
    نۆل ئالامسەن ياكى يۈز، پەقەت باغلىق ئۆزۈڭگە،
    تاپالمايسەن تىلەپمۇ لاياقەتنى ئېھساندىن.

    يىغلاپ كەلدىم دۇنياغا دېمەك، كۈلۈپ ياشايمەن،
    يولۇپ ئېلىپ يىغلاڭغۇ قىسمەتلەردىن كۈلكەمنى.
    ئارمىنىم شۇ: دۇنيانى چۇۋۇپ قايتا ياسايمەن،
    قوۋۇرغامنى پەلەمپەي، شوتا قىلىپ يەلكەمنى.

     _____ ئابدۇلئەد قادىرى. 1995-يىلى، يانۋار

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:12:00]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەھەدى