ئانا(بۇغدا ئابدۇللا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 07:43:00

ئانابۇغدا ئابدۇللاتوقسانغا ئۇلاشتى،كۆزى خىرەلەشتى.تۇنىمايدۇ گاھىدا سېنى،سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ،چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى،باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.توقسان ياز،توقسان كۈز،توقسان قىش،توقسان ئەتىياز،...

    ئانا
    بۇغدا ئابدۇللا


     
    توقسانغا ئۇلاشتى،
    كۆزى خىرەلەشتى.
    تۇنىمايدۇ گاھىدا سېنى،
    سېنى چاقىرماقچى بۇلۇپ،
    چاقىرىدۇ باشقا بىرىنى،
    باشقا بىرىنى چاقىرغاندەك.
    توقسان ياز،
    توقسان كۈز،
    توقسان قىش،
    توقسان ئەتىياز،
    ئۆتۈپ كەتتى
    ماڭلىيىغا ئىز سېلىپ،
    ئۆتۈپ كەتتى سۇدەك
    ئەمدى،
    تېتىكلىگى يوق
    بۇرۇنقىدەك.
    كۆرپىدە ياتار،
    ئىشىككە قارار.
    سەن كەلمىسەڭ بىر كۈن
    كۆڭلى يېرىم بولار،
    كۆزگە ياش ئالار،
    كىچىك بالىدەك.
    ھەي !
    جاھاننى ياشاپ تۈگۈتۈپ قويدى،
    ئەمدى مېھماندەك !

    كۆڭۈل نازۇك نەرسە،
    كۆتۈرەلمەس گەپنى
    سۇ - مىسقال تۆمۈرنى كۆتۈرەلمىگەندەك.
    شۇڭا
    تاشلىما ئۇنى،
    ئۇنىتما ئۇنى.
    يوقلا !
    تاتلىق بىلەن !
    ئاچچىق - چۈچۈك بىلەن !
    ھالداش،
    مۇڭداش،
    ئوغلى بولمىسا ئوغلى بول !
    قىزى بولمىسا قىزى بول !
    يۇيۇپ قوي،
    چاچلىرىنى تاراپ قوي.
    دۈمبىسىنى سىلاپ قوي،
    پۇتىنى تۇتۇپ قوي،
    شۇنداق قىلساڭمۇ
    بىر كېچە بەرگەن سۈتى ھەققىنى
    تۆلىيەلمەيسەن،
    بۇلۇپ پايپېتەك !
    ئۇ بولمىسا
    سەن قېنى ؟!
    مەن قېنى ؟!
    توققۇز ئاي
    توققۇز كۈن
    توققۇز سائەت
    توققۇز دەقىقە
    كۆتۈرگەن بىزنى قورسىقىدا.
    ئاش ئېتىپ،
    نان يېقىپ
    كىر يۇيۇپ. ....
    يول يۈرۈپ،
    جاھان لەرزىگە كەلگەن تولغىقىدا. ....
    چاقماق چاققاندەك بوران گۈركىرگەندەك !

    بىز
    ئۇنىڭ بەختى،
    ئارزۇسى ئىدۇق.
    بۈگۈنى،
    ئەتىسى ئىدۇق.
    بىز !
    ئۇنىڭ قايتا تۇغۇلىشى ئىدۇق.
    ئوغۇل بولۇپ،
    قىز بولۇپ،
    بىز !
    ئۇنىڭغا ئوخشىدۇق ؛
    كۆزىمىز ئوخشار،
    قېشىمىز ئوخشار،
    بۇرنىمىز ئوخشار،
    ئاغزىمىز ئوخشار،
    گۈل - گۈلىگە ئوخشىغاندەك.

    كۆز نۇرىمىز،
    قارا چېچىمىز،
    قېنىمىز
    ئۇنىڭ ئىدى، ئۇنىڭ. ...
    خۇددى سۇنىڭ بېشى بولغىنىدەك.
    ئىنسان
    ھەم ئەقىللىق بولار،
    ھەم نادان.
    كۆيەر بالىسىغا كۆيمەس ئانىسىغا،
    ئانا كۆيەر بالىسىغىلا :
    سېنى ئاسماندا ئۇچسا دەيدۇ،
    دېڭىزغا شۇڭغۇسا دەيدۇ.
    تۆھپەڭنى كۆرۈ شنى تىلەيدۇ
    شەيخ جەينامازدا تىكىلىگەندەك.
    تاپسا
    بىر تال كەمپۈت،
    بىر تال ئالما،
    گېلىدىن ئۆتمەس،
    يالغۇز يىگىسى كەلمەس
    سېنى يەۋەلسۇن دەيدۇ،
    سېنى ئورۇقلاپ قالمىسۇن دەيدۇ،
    كەپتەر باچكىسىنى ئاسرىغاندەك.

    توقسانغا ئۇلاشتى،
    قۇلىقى ئېغىرلاشتى،
    چىشى چۈشكەن،
    بېلى ئېگىلگەن،
    بېشى ئاغرىيدۇ
    پۈتى سىرقىرايدۇ. ...
    لېكىن،
    تۇرغۇسى كېلەر،
    يۈرگۈسى كېلەر،
    ھاسىسىنى تاشلىغۇسى كېلەر،
    يۈگۈرگۈسى كېلەر ياش - قىرانلاردەك.

    يەر ئايلىنار،
    ۋاقىت ئۇچار.
    بۈگۈننىڭ بوسۇغىسىدا
    ئەتە ساقلاپ تۇرار.
    شۇنداق
    قېرىيدۇ بارچە :
    ئادەممۇ،
    دەرەخمۇ
    قۇشلارمۇ. .....

    1983-يىل، فېۋرال

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بۇغدا ئابدۇللا ئانا