ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 20:05:51

تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۇرسە ، قوتۇر بولۇربىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم ،ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم .گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى ،گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى .تەلپۈنەت...

    تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۇرسە ، قوتۇر بولۇر


    بىر زامانلاردا مەنمۇ سىزدەك ياش ئىدىم ،
    ياشلىقىم غۇرۇرىدىن بەڭباش ئىدىم .
    گاھ يۈگەنسىز شوخ- ئاساۋ بىر تاي كەبى ،
    گاھ بۇلۇتلار ئىچرە ئۈزگەن ئاي كەبى .
    تەلپۈنەتتىم ھەرنەپەس مۇشتاق بولۇپ ،
    ئارزۇ دەرياسىغا قانماق بولۇپ .
    بىر زامان تەكلىماكانغا ئىشتىياق -
    قوزغىلىپ ، قويدۇم ئاڭا دادىل ئاياق .
    تەلىيىمگە ھەمراھىممۇ بار ئىدى _
    كى ، خوتەن كارۋانلىرى تەييار ئىدى .
    قالدۇرۇپ چۆللەردە ئىز ماڭدۇق ئۇزاق ،
    گاھى ئاتلىق ، گاھ ئىشەكلىك، گاھ ياياق .
    بىزگە يول باشلار ئىدى ھېچ تېنىمەي ،
    كۆپنى كۆرگەن ،كۆپنى بىلگەن بىر بوۋاي .
    ئاخشىمى سۆكسۆك قالاپ ، گۈلخان يېقىپ ،
    سوزۇلۇپ ئارام ئېلىپ چۆلدە يېتىپ ،
    گاھ ھىكايەت ئاڭلىشاتتۇق ، گاھ راۋاپ ،
    ئۇچرىسا چۆلدە كىيىك يەيتتۇق كاۋاپ ...




    بىر كۈنى تۈشكۈن قىلىپ قونغاندا بىز ،
    بەك قىززىق بىر چۆچەكنى ئېيتتى بوۋىمىز .
    بەلكى بۇ چۆچەكنى سىزمۇ ئاڭلىغان ،
    ياكى بىر مەلۇم كىتاپتىن ئوقىغان .
    كونىراپ قالماس لېكىن ھەق گەپ پەقەت ،
    گەرچە تەكرار بولسىمۇ بىر نەچچە رەت ،
    چۈنكى كۆپ سۈرتكەنسېرى ئەينەكنى بىز
    شۇنچە روشەن بولغۇسى ئۆز ئەكسىمىز .
    يەنە ھەر گۈلنىڭ پۇراقى ئۆزگىدۇر ،
    گۈل خۇمارلار دىماغى ھەم ئۆزگىدۇر .
    شۇڭا ، ئۇ چۆچەك مېنىڭدە كەتمىگەي ،
    ئاڭلىغاننى باشقىلارمۇ ئاڭلىغاي _
    دەپ بۈگۈن تۈزدۈم بايانىغا قوشاق ،
    بولسىمۇ نۇقسانى گەرچە بىر قۇچاق .


    1


    بار ئىكەن تەكلىماكاندا بىر شەھەر ،
    بۇ شەھەرنى دەر ئىكەن شەھرى قەمەر.
    تا قەدىم <<يىپەك يولى >> دا كۈن ۋە تۈن
    شەرق بىلەن مەغرىپ ئارا بولغاچ تۈگۈن .
    پۇر كېتىپ داڭقى جاھانغا دەممۇ دەم ،
    بولۇپتۇ ئەلنىڭ نەزىرىدە مۆھتىرەم .
    ھەيۋىتى ھەم قەسرىدەك كاشانىسى
    شۇ زامان بازارىنىڭ يىگانىسى .
    كوچىلارغا سايىۋەن چىنارلىرى ،
    بويلىشىپ بۇلۇت بىلەن مۇنارلىرى ،
    چېلىنار كۈن ئالدىدا بوم قوڭغىراق ،
    تارقىلار ئارچا ئىسىدىن خۇشپۇراق .


    چۆرىسى خۇددى ئۇنىڭ باغى ئەرەم ،
    باغ ئارا رەيھان پۇرايدۇ سۈبھى دەم .
    تاغلىرىدا قاشتېشى ھەم كەھرىۋا ،
    سۈپسۈزۈك مەرمەر بىلەن ياقۇت تولا .
    سۈلىرى ئاندىن شىپالىق ، جىلۋىگەر ،
    زەر چاچار ھەر مەۋجۇدە شامۇ سەھەر .
    ئوتلىشار بۇغا - مارال پادا - پادا ،
    قۇشلىرى پەرۋاز قىلار كەڭ دالادا .
    خەلقى كۆپ مەشھۇر ئىكەن ھۈنەر بىلەن ،
    قىز جۇۋانلار بەسلىشەر ئەرلەر بىلەن .
    شايى - ئەتلەس ، زىلچىسىدىن دەممۇ دەم
    رەشك بىلەن ھەيران ئىكەن ھىندۇ ،ئەجەم
    شاھىمۇ ئۆز تەختىدە مەسرۇر ئىكەن ،
    ئامىتى ، ئىقبالىدىن مەغرۇر ئىكەن .
    ئۆزىمۇ تاۋغاچقا تەۋە شاھ ئىكەن ،
    بولسا تاۋغاچ بىر دەرەخ ، ئۇ شاخ ئىكەن.
    ھەممىدىن تاۋغاچ خانىغا كۈيئوغۇل -
    بولغىنى ئۈچۈن ، سۇ ئىچىپ ئاندىن كۆڭۈل ،
    ئۆتكۈزەركەن ئۆمرىنى بىدەرت بىغەم
    لىك تولا قىينايدىكەن بىرلا ئەلەم .
    چۈنكى بىر ئوغۇل يۈزىنى كۆرمەي ھۇنۇر ،
    باشلىنىپ قاپتۇ ئۆمۈر باغىدا كۈز .
    ئاھ چېكىپ ، ھەسرەت چېكىپ ، ئەپغان بىلەن ،
    ئۇزۇتۇپ يىللارنى شۇ ئارمان بىلەن ،
    ئاخىرى يالغۇز قىزىنى پادىشاھ -
    تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ قىپتۇ جاكار .
    شاھ قىزى ھۆسنى جامالدا ھۆر ئىكەن ،
    بەلكى كۆپ ئەللەر ئارا مەشھۇر ئىكەن .
    بىر كۆرۈپ قالغان كىشى بوپتۇ ئادا ،
    ئىككى كۆرسە قىلغۇسى جاننى پىدا .
    كۈن بىلەن ئاي تەڭلا چىققاندەك شۇدەم،
    ھۆسنىگە ئەمدى قوشۇلغاچ تاجى ھەم .
    بىر بىرىدىن قىزغىنىپ بەگزادىلەر ،
    ئەڭ يىراق ئەللەردىكى شەھزادىلەر -
    ئەلچىسى بىرلە تولۇپ كەتكەچ شەھەر ،
    پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .
    قارىسا بىر - بىرىدىن ئالىي مۇقام،
    ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق گەپنى تامام ؟
    ئاخىرى قىزىغا بېرىپ ئەركىنى شاھ ،
    قىپتۇ خىلۋەتخانىنى باشقا پاناھ .
    رازىلىق بىلدۈرمىگەچكە قىز بىراق ،
    تارقىلىپتۇ بەزى بەگلەر ھەر قاياق .
    بەزىلەر ئاڭلاپ بۇ قىز جاۋابىنى
    باشلىشىپتۇ ئۆچ - ئاداۋەت بابىنى .
    بەزىلەر ئۈزمەي ئۈمۈد قىپتۇ داۋام ،
    شاھ قىزىغا ھەر كۈنى يوللاپ سالام .
    شۇ يوسۇن بىر نەچچە ۋاق ئۆتكەن ئىمىش ،
    ئاقىۋەتتە يۈز بېرىپتۇ غەيرىي ئىش .


    2


    شۇ شەھەرنىڭ چېتىدە بىر تۇل ئايال -
    كۈن كۆرەركەن ئوغلى بىرلە قەدرى - ھال .
    ئوغلى بىر پالۋان يىگىت بوپتۇ ئۆسۈپ،
    ئەل ئىچىدە ئاتىسىغا ئىز بېسىپ .
    گاھىدا يەر باغرىنى تىلغايدىكەن ،
    گاھىدا چۆلدە كىيىك ئوۋلايدىكەن .
    بىر كۈنى قاچقان كىيىككە دۇچ كېلىپ ،
    يىقىتىپ تۇرغان ئىكەن ئوقيا ئېتىپ ،
    دەل شۇ چاغدا چۆل تەرەپتىن بىر پەرى ،
    بىر پەرىكىم ، بارچە گۈللەر دىلبىرى ،
    قولدا ئوقيا ، بەلدە خەنجەر پارقىراق ،
    ئاستىدا چىلان تورۇق شوخ ئارغىماق ،
    قوغلىشىپ كەپتۇ كىيىكنى بىتۇيۇق ،
    بۇ يىگىتنىڭ ئاتقىنىدىن خەۋىرى يوق ،
    ئۇ پەرى بىلگەچ كېلىپ ئىشنىڭ سىرىن ،
    ئاتقۇچىغا دەپتۇ دەرھال ئاپىرىن .
    ئۇ يىگىت ، ئاتلىق پەرىگە بىر قاراپ ،
    تېڭىرقاپ قاپتۇ گوياكى كۆز قاماپ ،
    "نىمە بۇ ، ئادەممۇ ياكى ئۆزگە سىر ؟
    ياكى كۈندۈز ئۇچرىغان شىۋىقەدىر ؟
    ئادىمى بولسا ئەگەرچە ، ئېھتىمال ،
    شاھ قىزىدۇر "دەپ يىگىت قىپتۇ خىيال .
    شۇ مەھەلدە ئارقىسىدىن ئات قويۇپ ،
    بىپايان چۆللەر ئارا چاڭ توزدۇرۇپ ،
    يېتىشىپ كەپتۇ يەنە بىر توپ پەرى ،
    خۇددى باغنىڭ گۈللىرى ئىكەن ھەر بىرى .
    ھەممىسى ئاتتىن چۈشۈپ نىزان بىلەن ،
    شاھ قىزىغا باش ئېگىپ ئېكرام بىلەن ،
    قوشتۇرۇپ قول تۇرغۇدەك قاتار - قاتار ،
    بويلىرى گويا يېڭى ئۆسكەن چىنار .
    دەل شۇ چاغ ئۆلگەن كىيىكنىڭ جۆرىسى -
    كۆرۈنۈپ قاپتۇ يىراقتىن قارىسى .
    شاھ قىزى ھەم كېنىزەكلەر شادىمان ،
    ئات قويۇپتۇ تۇشمۇتۇشتىن شۇ تامان .




    ئەلقىسسە ، شۇ بايىقى مەرگەن يىگىت ،
    ئەمدىلەتتىن ھۇشىغا كەلگەن يىگىت
    باشقىچە ھالغا چۈشۈپ ناگىھان ،
    خۇددى ئەمدى قالمىغاندەك تەندە جان .
    بىر تۇرۇپ ئاھ دەيدىكەن مىڭ تولغۇنۇپ ،
    بىر تۇرۇپ پاھ دەيدىكەن باغرى كۆيۈپ ،
    ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن نىمە بولغىنىن ،
    نىمە دەرت ، نىمە بالاغا قالغىنىن .
    بىرلا دەرت قىينايدىكەن بارغانسېرى ،
    شاھ قىزىنىڭ سۈرىتى كەتمەي نېرى .
    ئۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ ۋەسۋەسە ،
    چۆرۈلۈپمۇ شۇ خىيال ، شۇ تەلۋەسە .
    شۇ ئىكەن جاننى قىسىپ ئىسكەنجىدەك
    ھەم غىدىقلاپ قىينىغان تىلسىز تىلەك .
    قىسقىسى مەرگەن يىگىت شۇندىن بۇيان -
    مۇپتىلالىق ئوقىغا بوپتۇ نىشان ،
    نە شىكار ، ئېتىز ئىشى ، نە كالىسى
    يادىغا كەلمەيدىكەن نە ئانىسى .
    كۈنبويى ئاھ دەپ يۈرۈپ ، ۋاھ دەپ يۈرۈپ ،
    تۈن بويى پەريات بىلەن پاھ دەپ يۈرۈپ ،
    سارغىيىپ چىرايىمۇ بوپتۇ سامان .
    راست ئەمەسمۇ" ھەممىدىن كۆيۈك يامان "،


    3


    نە تىۋىپ ، نە پرىخون ، نە بىر دۇئا -
    بولمىغاچ بۇ غەلىتە دەردكە داۋا،
    ئانسىسى مىڭ يالۋۇرۇپ ، مىڭبىر سوراپ ،
    ئاڭلىماققا بوپتۇ ئوغۇلدىن بىر جاۋاپ ،
    ئاخىرى يىغلاپ ئوغۇلمۇ زارۇزار،
    قىپتۇ سىرنى ئانىسىغا ئاشىكار.


    ئانسى كۆز ياش تۆكۈپ تارام - تارام ،
    دەپتۇ :" جان باغرىم ، جىگەر پارەم بالام ،
    شۇنچە دەركە قالغىنىڭغا مەن سەۋەپ ،
    چۈنكى سەندىن سورىمىدىم ھالىڭ نە دەپ .
    نە قىلايكى ، تۇل خوتۇن بىچارىمەن،
    كاج پەلەك رەپتارىدىن ئاۋارىمەن .
    ھەر يىلى بەك قىسقا كەلدى قولىمىز ،
    ھىچ ئېچىلماي ياخشى ئىشقا يولىمىز .
    گەر ھايات بولسا داداڭ ئۇ رەھىمىتى
    ( چوڭ ئىدى ھەر ئىشتا ھىممەت غەيرىتى ).
    ھالىمىز بولماس ئىدى مۇنچە يامان .
    ھەم سېنى ئۆيلەر ئىدۇق ئاللىقاچان .
    ھېلىمۇ بولساق ئامان ، بۇ كۈز چۇقۇم ،
    سادىغاڭ بولسۇن بالام بارۇ يوقۇم .
    شەھىرىمىزدە قىز تولا گۈل غۇنچىدەك ،
    تېگى - تەكتى پاكىزە ھەم ئۈنچىدەك .
    ئەتىلا ئۈمىد بىلەن ئۆيدىن چىقاي ،
    تەلىيىڭنى بىر سىناپ كۆرۈپ باقاي .
    شاھ قىزىنى ئويلىما ئوغلۇم لىكىن ،
    ئاينى ئالماقتىنمۇ بۇ بىزگە قىيىن .
    ھەر كىشىنىڭ ئۆز خىلى ، ئۆز جورى بار ،
    كونا تۈگمەن چېغىدا ئۆز نورى بار .
    شاھ قىزى بولماس ساڭا ھەرگىز قاياش .
    تاڭسىمۇ تۇرماس ياغاچقا چۈنكى تاش ."




    شۇ يۇسۇن قىلسا نەسىھەرلەر ئانا ،
    ھىچ پىسەنىت بولماپتۇمىش لىكىن ئاڭا .
    ئەكسىچە ، ئەزۋەلىشىپ بارغانسىرى ،
    يەر قۇچاقلاپ ، باش كۆتۈرمەي ، ئاخىرى -
    دەپتۇكى :" گەر شاھ قىزى بولماس نىسىپ ،
    ئۇشبۇ دەردتە ئۆلسەم ئەمدى نە ئەجىپ ،
    ياخشىسى مەندىن رىزا بولغىن ئانا ،
    قىسمىتىم شۇ بولسا ئەمدى ، ئەلۋىدا !"
    ئاقىۋەت بىچارە مەزلۇم باغرى خۇن ،
    شۇ نادان ، تەرسا ئوغۇلنىڭ كۆڭلىچۈن ،
    تا ئۆلۈمگە ھەم تەۋەككۈل ئەيلىبان ،
    ئوردىغا دادىل قەدەم بوپتۇ راۋان .


    4


    ئەلقىسسە ، ئۈچ كۈن ئۇدا ئوردا ئالدىنى -
    سۈپۈرۈپ قىلغاندا ئىزھار دادىنى .
    شاھقا يەتكەچ بۇ خەۋەر ، قىپتۇ قۇبۇل ،
    بولسىمۇ بۇ ئەلچىدىن كۆڭلى مەلۇل .
    مەيلىى دەپ ئۇ شاھمۇ بۇزماي ۋەدىسىن ،
    چىللىتىپتۇ ئالدىغا مەلىكىسىن .


    شاھ قىزى ھەيران بولۇپ قىپتۇ سۇئال :
    " كىم تەرەپتىن كەلدىڭىز ، بۇ نىمە ھال ؟"
    شۇندا ئۇ بىچارە مەزلۇم ناتىۋان ،
    شاھ قىزىغا ھەممىنى قىپتۇ بايان .
    شاھ قىزى مەرگەن يىگىتىنى ئەسلىگەچ ،
    قەھقەھە بىرلە كۈلۈپ مەسخىرلىگەچ .
    دەپتۇ كىم : شۇ ئوغلىڭىز كەلسۇن كۆرەي ،
    ھەم جاۋابىنى ئۆزىگە روشەن بېرەي .


    ئوردىدىن قايتقاچ ئانا مىڭ غەم بىلەن ،
    نەملىشىپ كىرپىكلىرى شەبنەم بىلەن .
    شاھ قىزىنىڭ گەپلىرىن قىپتۇ بايان،
    ھەم ھاقارەت قىلغىنىن تۇتماي نىھان .
    شۇندىمۇ گەپكە پىسەنىت قىلماي يىگىت ،
    ئانىنىڭ كۆز يېشىغا باقماي ، ئىسىت ،
    خۇددى مەسىت پىلدەك چىقىپ ئۆيدىن گاراڭ ،
    ئوردىغا ئۈمىد بىلەن بوپتۇ راۋان .


    شاھ قىزى كۆرگەچ يىگىتنىڭ ھالىنى ،
    ھىچ تاپالماي قايتۇرۇش ئامالىنى ،
    ئويلىنىپ بىردەم ، ئاڭا دەپتۇ كېيىن :
    " تويلۇقۇمغا كۈچىڭىز يەتمەسمىكىن ؟"
    " قېنى ، - دەپتۇ ئۇ يىگىت ، - ئاڭلاپ كۆرەي ،
    گەر كېرەك بولسا بۇ جاننى ھەم بىرەي ."
    " ياخشىسى ،- دەپتۇ ئۇ قىز ، - سىز سورىماڭ،
    مەنمۇ ئېيتماي ، جېنىڭىزنى قىينىماڭ .
    سىز ئەمەس ، مەنمەن دىگەن بەگ چېغىدا ،
    ئاڭلىسا ، قالغاي پۇشايمان دېغىدا ."
    " مەيلى ، - دەپتۇ ئۇ يەنە ، - ئاڭلاپ كۆرەي ،
    نىمە بولسا ھەم ئۆزۈمنىڭ شورى دەي ."
    شاھ قىزى دەپتۇ ئاخىر :" ئۆز مەيلىڭىز ،
    خۇن تۆلەشكە بولسا شۇنچە رەيىڭىز .
    ئانىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ھازىرغىنا ،
    يۈرىكىنى ئەپكىلىڭ ئىسسققىنا .
    تويلۇقۇم شۇلدۇر مىنىڭ ، بۇ سۆز تامام ،
    پائىلاتۇن ، پائىلاتۇن ، ۋەسسالام !"


    5


    ئوردىدىن قايتقاچ ئوغۇل ھالى خاراپ ،
    "نىمە گەپ ؟" دەپتۇ ئانا ئەھۋال سوراپ .
    ئوغلى دەپتۇ : جان ئانا كۆپ قىينىماڭ ،
    تويلۇقى ئېغىر ئىكەن، گەپ سورىماڭ .
    " قېنى ئېيت، ئاڭلاپ باقاي ،- دەپتۇ ئانا
    -مۈشكۈلۈڭنى ھەل قىلار قادىر خۇدا ."


    شۇندا ئۇ تەرسا يىگىت كۆپ ئويلىماي ،
    ھەممىنى ئېيتقان ئىمىش گەپ ئايىماي ...
    " جان بالام غەم يىمىگىن ، - دەپتۇ ئانا ، -
    سەن ئۈچۈن ھەممە نېمەم تەييار مانا .
    گەر مۇرادىڭ مەن بىلەن ھەل بولسا ، تا -
    بۇ مىنىڭ ئىسسىق جېنىم بولسۇن پىدا .
    بىر ئەمەس ، مىڭ بىر يۈرەك بولسا بېرەي ،
    ئال بالام ، تەسەددۇقۇڭ مەن بولاي!"


    شۇندا بارچە يەر - جاھان ، بارچە ھايات ،
    تاكى ئۇ چەكسىز سامادا كائىنات .
    نېمى قىلاركىن بۇ يىگىت ئەمدى دىيان ،
    كۈتكىنىدە ئاقىۋەتنى ، ناگىھان .
    ئەقلىدىن ئازغان يىگىت قولدا پىچاق -
    ئانىنىڭ ئالدىغا تىز كەپتۇ... بىراق ،
    شۇ زامان بوران چىقىپ ، يەر سىلكىنىپ ،
    كۆكتە گۈلدۈر ھەمدە چاقماق چېقىلىپ ،
    ياغسىمۇ دەھشەتتە يامغۇر كەينىدىن ،
    شۇندا ھەم يانماي ئۇ قاتىل پەيلىدىن ،
    ئاخىرى قانلىق يۈرەكنى سۇغۇرۇپ ،
    ئوردىغا ئوقتەك ئۇچۇپتۇ يۈگۈرۈپ ...
    دۈم چۈشۈپتۇ پۇتلىشىپ يولدا بىراق
    ھەم يۈرەك ئىرغىپ چۈشۈپتۇ نېرىراق .
    شۇندا چوغدەك قىزىرىپ ھەم نۇر چېچىپ ،
    پارقىراپ تۇرغان يۈرەك ئېغىز ئېچىپ ،
    دەپتۇ :" جان باغرىم ، جېنىم ، ئالتۇن قوزام ،
    بىر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ جېنىم بالام ؟"
    بۇ يۈرەكتىن ئۇرغۇغان ئۇشبۇ سادا -
    دىن شۇئان تەسىرلىنىپ ھەتتا خۇدا ،
    ئانىلىق مېھرى ئۈچۈن رەھمەت قىلىپ ،
    شۇم ئەجەلنىڭ نۆۋەتىن ھەم رەت قىلىپ ،
    ئورنىغا سالغاچ يۈرەكنى قايتىدىن ،
    ئانا ھەم دەرھال تۇرۇپتۇ جايىدىن .
    يوق ئىمىش ئوغلى قېشىدا قارىسا ،
    ھېچ كىشى بىلمەس ئىمىش ھەم سورىسا .
    شۇڭا كۆپ ئىزلەپ ئۇنى سەرسان بولۇپ ،
    شۇ جۇدالىق دەردىدە ۋەيران بولۇپ ،
    ئاخىرى ھالىدىن كىتىپ قالغان كېزى ،
    قايتىدىن ئىش باشلاپتۇ ئاسمان گۈمبىزى .


    6


    بايىقى قاتىل چۆچۈپ ھەق قەھرىدىن ،
    باشقا بىر ئەلگە كېتىپتۇ شەھرىدىن .
    ئۇندىمۇ بىر پادىشاھلىق بار ئىكەن ،
    ئەل ئۇنى تاغلار دىيارى دەيدىكەن .
    ئۇ شۇ يۇرتتا بىر مۇساپىر ھالىدا ،
    كۈن كۆرۈپتۇ نەچچە كۈنلەر خالىدا .
    بىر كۈنى مىرشەپ تېپىپ ئۇندىن خەۋەر ،
    تۇتقىلى نۆكەر بىلەن كەپتۇ سەھەر .
    شۇندا ئۇ بىر نەچچىسىنى تاش بىلەن ،
    بەزىسىنى مۇشىت ۋە پەشۋا ، باش بىلەن
    يىقىتىپ ، قىلغاچ تامام زىرۇ زەۋەر ،
    پادىشاھقا ھەم يېتىپتۇ بۇ خەۋەر .


    بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھسى ھەم نۇقۇل ،
    ھېلىقى مەلىكىگە باغلاپ كۆڭۈل ،
    ھەر قېتىم يانغاچ جاۋاپسىز ئەلچىلەر ،
    ئۇخلىماي ھەتتا ئۇ ئەمدى كېچىلەر ،
    گاھى پۇل ، گاھى زۇلۇم قىلماق بىلەن
    بەند ئىكەن بىر چوڭ قۇشۇن يىغماق بىلەن .
    بايىقى تەرسا يىگىت پالۋانلىقى
    خۇددى شۇ كۈنلەرگە دەل كەلگەن چېغى ؛
    شۇ سەۋەپتىن پادىشاھمۇ شۇ كۈنى
    " بىر كۆرەي " دەپ ، تۇتقۇزۇپ كەپتۇ ئۇنى ،
    قارىسا ، بەستى يوغان بولغان بىلەن ،
    گەپ - سۆزىدىن تولىمۇ نادان ئىكەن .
    شۇندىقى لازىم ئىدى دەپ خۇش بولۇپ ،
    كۆڭلىگە پۈككەن ئۈمىدى قوش بولۇپ .
    دەپتۇكىم :" قىلساڭ ئەگەر خىزمەت ماڭا ،
    كۈلگۈسى دۆلەت گۈلى جەزمەن ساڭا ،
    چۈنكى ئۇ شەھرى قەمەر قىلدى نىزا ،
    بەرمىكىم لازىم بولۇپ قالدى جازا .
    شۇندا مەن دارغا ئېسىپ پاشاسىنى ،
    يەتكۈزەي مەلىكىگە جەزمەن سېنى .
    شەرت شۇكى ، پالۋانلىقىڭنى ئايىما ،
    ئۆز دىيارىم دەپ ئاڭا يۈز قارىما !"


    شۇندا ئۇ ئەقلى بۇزۇق ئازغىن نادان ،
    نە نادانكىم ، لەنىتى تۇزكور قاۋان ،
    باغلىبان دۈشمەنگە خىزمەت كەمىرىدىن ،
    نەچچە ۋاغ تەلىم ئېلىپ جەڭ ھۈنىرىن ،
    بىر كۈنى باشلاپتۇ ياۋ لەشكىرىنى ،
    قانغا غەرق قىلماق ئۈچۈن ئۆز شەھىرىنى .


    ياۋ تەرەپ پاشاسىمى دەل شۇ كۈنى
    قىچقىرىپ خاس مەھرىمىدىن بىرسىنى ،
    دەپتۇكى :" بىزگە زەپەر كۈلگەن ھامان ،
    قويما بۇ ئەبلەخنى ھەرگىز تىنىچ -ئامان .
    ئارقىسىدىن ئوق ئېتىپ جايلا ئۇنى ،
    تۇيمىسۇن ھەم چىقمىسۇن ھەرگىز ئۈنى .
    چۈنكى ئۇ ئۆز ئىلىگە سالدى جاپا ،
    ئەمدى قانداق كۈتكۈلۈك ئۇندىن ۋاپا !"


    ئەلقىسسە ، ئۇ ياۋنى باشلاپ كىرگەن شۇ كۈن ،
    قوزغىلىپ چۆللەر ئارا دەھشەت قۇيۇن ،
    سىلكىنىپ يەرۇ زىمىن ، تىتىرەپتۇ تاغ ،
    دومىلاپ تاشلار چۈشەرمىش ھەر قاياق .
    ئۇرۇلۇپ قىرغاققا دەريا تاشقۇدەك ،
    ۋادىدا جەرەن - كىيىكلەر قاچقۇدەك ،
    ئۈركۈشۈپ بارچە ئۇچار قۇشلارمۇ تەڭ ،
    تىنىچ ياتالماي قاپتۇ ھەتتا شەپىرەڭ .
    شۇندا بىر بۆرە ئېگىز دۆڭدە تۇرۇپ ،
    دەر ئىمىش ھۇۋلاپ ئاڭا لەنەت ئوقۇپ :
    "ئەي رەزىل ئەبلەخ ، سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي ،
    ئادىمىدىن سەندىكى ھېچ چىقمىغاي .
    مەن چېغىمدا ئۆڭكۈرۈم - ئىنىم سايان
    باشلىمايمەن دۈشمىنىمنى ھېچقاچان .
    گەرچە قان ئىچمەي تاپالماسمەن ئارام ،
    ئۆز قېرىنداشىم قېنى مۇتلەق ھارام .
    شۇمىدى سەندە ئادەملىك خىسلىتى ؟
    ياغسۇن ئەمدى مەڭگۈلۈك ھەقنىڭ لەنىتى !"


    7


    شۇ يۇسۇندا تا يەتكۈچە ياۋدىن خەتەر ،
    ئۇيقۇ ئىچرە غەرق ئىكەن شەھرى قەمەر .
    سەلتەنەت تەختىدە شەھ غەپلەت بىلەن ،
    مەست ئىكەن ھەر كۈنلۈكى ئىشرەت بىلەن .
    بولسىمۇ مەلۇم قۇشۇن - لەشكەرلىرى ،
    بولمىغانكەن ئېھتىيات تەدبىرلىرى .
    چۈنكى نە ھاجەت ئۇرۇش دەپ ئويلىغان ،
    باشقىلارنى ھەم ئۆزىدەك چاغلىغان .
    دەل شۇ چاغدا ياندۇرۇپ دەھشەت ئالاۋ
    باستۇرۇپ كىرگەچكە ئەلگە ۋەھشىي ياۋ ،
    ئاندا يانغىن ، مۇندا قىرغىن - قەتلىئام
    ھەم تالان - تاراج بىلەن خامان تامام .
    ياۋ كېزەر پىتىراپ گويا چېكەتكىدەك ،
    يەر - جاھاننى توزىتىپ يەپ كەتكۈدەك ،
    قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ يۇرت ئەرلىرى ،
    كۆپ ئىكەن ھەم زور ئىكەن ياۋ لەشكىرى .
    ئاخىرى شەھرى قەمەر بوپتۇ قامال ،
    ھەم قامالدىن يوق ئىكەن ئۆزگە ئامال .
    گەرچە خانغا كەتسىمۇ دەرھال چاپار ،
    يول يىراق ، تاغلار ئېگىز ، قاچان بارار ؟
    بەختىگە قورغان تېمى بەكمۇ ئېگىز ،
    تاش بىلەن پۇختا سېلىنغان دەخلىسىز ،
    ياۋ كىرەلمەي قاپتۇ سىرتتا خېلى كۈن ،
    تۇمشۇقى تاغقا تېگىپ ، ھالى زابۇن ،
    قىلسىمۇ ياۋ كۆپ ھۇجۇم دەھشەت بىلەن ،
    قايتۇرار قورغان ئۇنى شىددەت بىلەن .
    چۈنكى ئەمدى ئويغىنىپ شەھرى قەمەر ،
    ياش - قېرى ، ئەرۇ ئايال باغلاپ كەمەر ،
    قوغدىماققا يۇرتىنى يادلاپ قەسەم ،
    ھەممىسى قويغان ئىدى دادىل قەدەم .


    قىلسىمۇ شۇنچە جاسارەتلەر ، بىراق ،
    تەس ئىدى ياۋنى بوسۇغتىن قوغلىماق .
    چۈنكى ياۋنىڭ سېپىدە بىر پەھلىۋان -
    بار ئىدى ، خۇددى بىر غالجىر قاۋان .
    ھىچ كىشى بەرداش بىرەلمەي زەربىگە ،
    " خەپ سىنى " دەپ ئاستا قايتار كەينىگە .
    قانچىلارنى شۇ قاۋان قىلغاچ ھالاك ،
    ئەھلى قورغان ياقىسى كۆپ بولدى چاك .
    ئۇ ئىدى شۇ بايىقى ئازغىن نادان ،
    ئۇ نادان كىم ، بايىقى خائىن يۇھان
    خەلق ئۇنى دەرھال تونالماي نەچچە كۈن ،
    شۇ يۇسۇن ئۇ ئەلگە ساپتۇ قارا كۈن .
    ئاخىرىدا بەزىلەر يەتكەچ تونۇپ ،
    قارغىشىپتۇ تۇشمۇ تۇش لەنەت ئوقۇپ .
    بەزىلەر " ئەمەستۇ دەپ " تالاشقۇدەك ،
    بەزىلەر ئانىغا يات قاراشقۇدەك .


    8


    بىر كۈنى قورغان بېشىدا بەند ئانا ،
    جەڭ ئىشىغا جان بىلەن پەيۋەنت ئانا .
    بىر قاراپ مەيدان ئارا ھاڭ - تاڭ بولۇپ ،
    ھېچ ئىشەنمەي كۆزىگە ھەيران بولۇپ ،
    توۋا دەپ تۇتۇپ ياقا غەزەپ بىلەن
    ئاھ ئۇرۇپتۇ مىسلى يوق بىر دەرد بىلەن :
    " ۋاي ئىسىت ، نېىمىدەپ سېنى تۇغقاندىمەن !؟
    نېمىدەپ ئاق سۈت بېرىپ باققاندىمەن !؟
    شۇمىدى سەندىن يېتەر ئەلگە ۋاپا ؟
    بالىمەس ، بولدۇڭغۇ يۇرتقا بىر بالا !"
    دەپتۇ - دە ، ئوتتەك يېنىپ غەمكىن كۆزى ،
    تاشقىرى چىققان ئىمىش تەنھا ئۆزى .


    قولدا تىغ ، ئات ئوينىتىپ تۇرغان قاۋان
    تونۇغاچ ھەم ئانىنى كۆرگەن ھامان ،
    ئېتىدىن دەرھال چۈشۈپ، رەڭگى ئۆچۈپ ،
    يۈگۈرۈپتۇ ئالدىغا ئوقتەك ئۇچۇپ .
    كەپتۇ - دە ، قۇچاق ئېچىپتۇ ئانىغا ،
    تاش كەبى قاتقان ئىكەن لېكىن ئانا .
    ئانىنىڭ ئۆتكۈر نىگاھى نەيزىدەك -
    سانجىلىپ تۇرغاچقا كۆزگە يەكمۇ يەك ،
    تىزلىنىپتۇ ئاخىرى ئۇ شۇم قاۋان
    تىترە - تىترە بار ۋۇجۇدى ، باش تۆۋەن .
    شۇ مىنۇت جىم بوپتۇ بارچە يەر - جاھان ،
    نە جاھان ، جىم بوپتۇ ھەتتا ئاسمان .
    مۇندا قورغان ئەھلى جىم ھەيرەت بىلەن ،
    ئاندا دۈشمەن تىترىشەر دەھشەت بىلەن .
    شۇ سۈكۈنات ئىچىرە ئۇ قەيسەر ئانا
    بۇرچىنى نومۇس بىلەن ئەيلەپ ئادا ،
    تىغ ئۇرۇپتۇ ياۋغا قايناپ نەپرىتى ،
    دۈم چۈشۈپتۇ شۇ زامان ئۇ لەنىتى .
    كۆز يۇمۇپ ئاچقۇنچە ئىش بوپتۇ تامام ،
    ياش تۆكۈپتۇ ئانا ھەم تارام - تارام .
    نە ئۈچۈن ياش تۆككىنىن بىلمەس ئىكەن ،
    كۆز يېشىنى ئۆزىمۇ سەزمەس ئىكەن .
    بىر چىگىش تۇيغۇ بىلەن بىھۇش كەبى
    يادىغا ھېچ نەرسىمۇ كەلمەس ئىكەن .
    دەل شۇ چاغ ۋولقان كەبى پارتىلاپ شەھەر
    ئېتىلىپتۇ ياۋغا قارشى سەرمۇ سەر .
    ئانىمۇ شەمشەر بىلەن جەڭگە كىرىپ ،
    ئەل بىلەن ئالغا مېڭىپتۇ سەپ يېرىپ .
    پىترىشىپ ياۋ ھەر قاياققا ئۇرۇنار ،
    خۇددى بىر باشسىز يىلاندەك تولغىنار .
    باستۇرۇپ قوغلار ئۇنى تاشقىن قىيان ،
    ياۋ قاچار پىتىراپ پەرىشان ھەر تامان .


    خاتىمە


    سۆز تامام بولدى مانا ، چۆچەك تامام ،
    ئەمدى نە ھاجەت ئىزاھات ، ۋەسسالام .
    ھەر كىشى قىلسا تەپەككۈرنى ھەۋەس ،
    بۇ جاھاندا ھېچنىمەرسە سىر ئەمەس .
    جان نېمە ، جانان نېمە ، ۋەتەن نېمە ؟
    ھەر كىشىنى ئادىمى ئەتكەن نېمە ؟
    يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ ،
    گۆش - تېرە ، سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە ؟
    شول ئىرۇر بۇ چۆچىكىمنىڭ خاتىمى ،
    مەنىسىگە يەتسە گەر ھەر ئادىمى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.