ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق(مۇختەر بۇغرا)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-17 23:20:30

ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاقمۇختەر بۇغرابىزنى تۇغدى بۇ زېمىن،يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.كېيىنكىلەر چالىدۇ،تېرىمىزنى داپ قىلىپ.ئۆتۈشىمىز جاھاندىن،غاجىلىشىپ، پېتىشماي.ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرتلۇق،بىر-بىرنى قېت...

    ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق

    مۇختەر بۇغرا



    بىزنى تۇغدى بۇ زېمىن،

    يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.

    كېيىنكىلەر چالىدۇ،

    تېرىمىزنى داپ قىلىپ.
     


    ئۆتۈشىمىز جاھاندىن،

    غاجىلىشىپ، پېتىشماي.

    ئۇ يۇرتلۇق ھەم بۇ يۇرتلۇق،

    بىر-بىرنى قېتىشماي.



    «ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق»

    دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.

    ماجىرا تېرىپ ئۆز-ئارا،

    ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.



    نە كويلارغا سالمىغان،

    بىزدىكى بۇ كەمچىلىك.

    بۇ ئازابنىڭ ئالدىدا،

    دوزاخ ئوتى قانچىلىك.




    ئېگىز ئۆسكەن دەرەخمۇ،

    خالىي بولماس پۇتاقتىن.

    تۇغۇلسىكەن مىللىتىم،

    پەقەت بىرلا قورساقتىن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.