«قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:18:07

«قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇۋەششەھ)مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائىتەپەككۇر قۇشلىرىڭ پەرۋاز ئېتىپتۇ زەپ ئېگىز، دوستۇم،كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى گۈزەل مەرمەر دېڭىزى، دوستۇم.ئۇرار دولقۇن سېلىپ شاۋقۇن شۇ...

    «قىز قۇمى»غا بېغىشلىما(مۇۋەششەھ)
    مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى



    تەپەككۇر قۇشلىرىڭ پەرۋاز ئېتىپتۇ زەپ ئېگىز، دوستۇم،
    كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى گۈزەل مەرمەر دېڭىزى، دوستۇم.

    ئۇرار دولقۇن سېلىپ شاۋقۇن شۇ خىلۋەت قىز قۇمى①بويلاپ،
    ھاياتبەخش كۈچ ئالار، بەلكى بۇنىڭدىن ئاشۇ قىز، دوستۇم.

    رىۋايەت، قىسسە سالغايمۇ يۈرەكنى لەرزىگە مۇنچە،
    تۈمەن ئاشىق غۇرۇر بىرلە شۇياققا ساپتۇ ئىز، دوستۇم.

    سەبىي قىز ئول سەبىخە ھەم شۇ يولدا، ئۇ بىلەر شەكسىز،
    نېمنەرسە بۇ جاھاندا ھەممىدىن شېرىن-لەزىز، دوستۇم.

    ئۇزاق باقتىم شۇ ئىزغا، ئاھ، ئەجەبدۇر كۆڭلى ئىنساننىڭ،
    ئاشۇنداق ئۆزگىچە ئاشىق سەنەملەر پەخرىمىز، دوستۇم.

    نەپىس تەسۋىر، گۈزەل ھېسلار، ھايالىق جۈملە-سۆھبەتلەر...
    ئۇزاتتىڭ ياز-تومۇز پەسلى گويا مۇزدەك قىمىز، دوستۇم.

    ئالار لەززەت ئۇنىڭدىن ساپ-سەمىمىي ھېسسىياتلىق زات،
    يېگەندەك دىلبىرى تۇتقان تىزىقتىن قوش مېغىز، دوستۇم.

    يۈرەكتىن ئاپىرىن دەيدۇ ھالال ئەجرىڭگە تەشنائى،
    كامال تاپ، ئەللىك ئۈچ يىللىق ساۋاقدىشىم، ئەزىز دوستۇم.

    («قىز قۇمى» — مەرمەر دېڭىزى تەۋەسىدىكى كىچىككىنە بىر ئارالنىڭ نامى، شۇنداقلا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان تۇرسۇنئاي يۇنۇسنىڭ «قىز قۇمى» ناملىق پوۋېستىنىڭ ماۋزۇسى.)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.