ئۆرگىلەي(ئوسمانجان ئىسمائىل)

يوللىغۇچى : dolani22 يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-18 21:45:37

ئۆرگىلەي(ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى)ئۇزۇن كۆينەك يوپكىلارنى تاشلاپ قويۇپ ،قىسقا كۆينەك شىلارنى كىيىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.ئۇزۇن سۇمبۇل ساچلىرىڭنى كىسىپ تاشلاپ،كالتا ساچلار قويۇشلىرڭدىن ئۆرگىلەي.ي...

    ئۆرگىلەي
    (ئوسمانجان ئىسمائىل دولانى)



    ئۇزۇن كۆينەك يوپكىلارنى تاشلاپ قويۇپ ،
    قىسقا كۆينەك شىلارنى كىيىشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.
    ئۇزۇن سۇمبۇل ساچلىرىڭنى كىسىپ تاشلاپ،
    كالتا ساچلار قويۇشلىرڭدىن ئۆرگىلەي.

    يولدا ماڭساڭ نايناقلىشىپ كۆز قىسىپ ،
    مانا ئەمدى ئەخلاقىڭدىن ئۆرگىلەي.
    مودا تالشىپ داڭلىق ماركا سۈرۈشتۈرۈپ،
    تۇمەن پۇللۇق مەيدىسى ئوچۇق كۆينىكىڭدىن ئۆرگىلەي.

    يولدا ماڭساق تاراقلىشىپ كۆز قىسىپلا يۈرۈيسەن،
    بىر غىرىچلىق پاشنىلىق ئاياغلىرىڭ دىن ئۆرگىلەي.
    دەسسەپ سالساق كاتاڭغا قىڭغىر كىتىپ يىقىلىپ ،
    نەچچە ھەپتە دوختۇر دا يېتىشلىرىڭ دىن ئۆرەىلەي.

    مەشرەپلەردىن ئۆزلىرىڭنى قاچۇرۇپ ،
    «دىيبا«پەرەس بولغانلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.
    شەرمىي-ھايا ئەدەپ -ئەخلاق ئەسلا يوق،
    جۈپ-جۈپ بولۇپ مەي ئىچىشىڭدىن ئۆرگىلەي.

    مىللىيچە ئادەتلىرىڭ تاشلاپ قويۇپ بىر چەتكە،
    ياۋرۇپاچە توي قىلىشىڭدىن ئۆرگىلەي.
    توي كۈنىسې ئۇزۇن ئەتلەس ئەسلا يوق،
    توي كۆينىكى چۈن تويۇڭنى بۇزۇشلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.

    كەڭ-كۇشادە باغ-ۋارانلىرىڭ تۇرۇپ ،
    رىستۇرانغا باشلىشىڭدىن ئۆرگىلەي.
    مىللىيچە تائاملارنى تەق قىلماس تىن سورۇنغا،
    ھاراق-شاراپ تاماكىنى ئەزىزلىشىڭدىن ئۆرگىلەي.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.