قەدىمى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 23:58:21

قەدىمى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرىئادىل تۇنىياز1ئانا ساي دەرياسى تىلىمەكتە قۇت،ماڭغاندا سەپ تارتىپ باتۇر تەڭرىقۇتقېلىن مۇز ئۈستىدە كىشنەپ شاش ئاتلارئۇشتۇمتۇت سېپىلدىن كۆتۈرۈلدى ئوت،ئېرىشكە باشلىدى...

    قەدىمى مىللەتنىڭ شوخلۇقلىرى
    ئادىل تۇنىياز


    1

    ئانا ساي دەرياسى تىلىمەكتە قۇت،
    ماڭغاندا سەپ تارتىپ باتۇر تەڭرىقۇت
    قېلىن مۇز ئۈستىدە كىشنەپ شاش ئاتلار
    ئۇشتۇمتۇت سېپىلدىن كۆتۈرۈلدى ئوت،
    ئېرىشكە باشلىدى قار،شەھەر،ياتلار.
    يىگىتلەر قىلماقتا شوخلۇق،
    قىزنىڭ قېنى تاۋار كۆرپىگە
    مەجبۇرى يېزىلغان بىر مىسرا ئوتلۇق.

    ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسە
    ئايالغا ئېرىشىشتۇر،
    ئۆلۈم ئاستا-ئاستا ئېرىشتۇر،
    ئاسمان ئاستىدىكى
    كەڭ يەرلەرنى قىلپ  سېلىنجا .

    2

    بۇندىكى ھەر بەندە بىر ناخشاۋەندە،
    بۇندىكى ھەر ئادەم قۇرۇق ياغاچ
    ياسىغىلى بولار داپ،راۋاپ.
    ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا،
    ئون ئىككى مۇقاندا ئاستا-ئاستا
    سۇغۇرۇلغان ئۈچەي باغرىنى
    تارتۇق قىلدى ئۇلار تۇرمۇشقا.
    قۇرۇغان دېڭىزدا بېلىقتەك ئايال
    بىناۋا ئەرلەر باشلىدى قۇرۇشقا.

    3

    قار ئۇچقۇندار،
    ئەينەكتە
    غېرىپلىقنىڭ مۇزدەك شولىسى.
    تويلار قىززىغان.
    مېھمانلار ھۇشسىز تەڭدىن تولىسى،
    شىلەپە ئاستىدا كۆرۈنمەس بېشى.
    بەزەن چىرايلاردىن ئوقۇلماس
    شېكىسپىرنىڭ تىراگىدىيىسى.
    نۇرغۇن قەلبلەر قۇرۇغدالغان،
    نۇرغۇن قەدەھلەر لىقلانغان.
    مەرىكىدىن يېنىپ چىققاندا،
    بىر كوچىغا
    نۇرغۇن ئادەم زىقلانغان.

    4

    شېئىر ياۋا چېچەك
    چىشلىق چاقلار ئارىسىدا،
    ئەينەكتە،پەلەمپەيدە
    ئاسفالىت يولنىڭ تارىسىدا.
    توغراقلار چىقتى
    قىشلىق تۈرمىدىن،
    كۆكلەمنىڭ گۈزەل دالىسىغا.
    شېئىر شائىرنىڭ يارىسىدا
    قىچىشىپ،ئېغىز ئېلىپ،بىخ چىقاردى،
    ئۇلار ھاردى لېكىن چىقمىدى
    تۈكلىرى چۈشكەن شەھەرلەردىن.
    سەھرالاردا نورۇز شاتلىقى
    ئۆرلىمەكتە ئىسسىق ھور يەردىن.

    5

    ئۇپۇقتىن تارتىلدى كىرىچ،
    مەغرىپتىن مەشرىققىچە
    ئارىقىمىز.
    يوقتىن ئىچى يورىغان مىللەت
    يوقلۇق دەرياسىدا بارلىقىمىز.
    ئۆلۈمگە لايپاسلىق ئەمەسقۇ ئىللەت؟
    ئەي ،تەنتەك قەۋمىلەر كېتىۋاتقان تېز !
    قۇم ئاستىدا قالغان شەھەرلەر _
    گۇمراھلىقتا بىز قالدۇرغان ئىز.
    بىز بىلىمىز ھالاكەت نىمە،
    بىزنى قالدى ئارقىدا دىمە ،
    قۇمدىن لەيلەپ چىققان بوستانلار
    زور توپاندا بىز چۈشكەن كېمە.
    نۇرلىرىنى سېپەر ئەگىم ئاي،
    باغ سايىسى ،مەسچىد شولىسى
    جىمىرلىغان تېرەكلىك يولدا ،
    توۋلاپ ياڭراق سۆيگۈ ناخشىسى
    كېلەر ئۇيغۇر يۈرىكى قولدا........

    2005-يىل 2-ئاي.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-28 4:15:07]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئادىل تۇنىياز