ئارگېنتىنا كېيىنكى مۇدېرنىزىملىق شېئىرىدى

يوللىغۇچى : qasimjan يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-27 13:02:00

سىپورېيىل.خوگېنىس شىئېرىدىن ئىككى پارچە ئېلاستىكىلىق تاختاي ئاھ، گويا دەشتتە كۆيىۋاتقان ئوت كۆيدىرەر كۆزۈمنى دەھشەت ئۇرۇلۇپ بىردىنلا قاپقارا نوتا بەلگىىسىدىن ئاھۇ زار ئۆزگەردى كېپىنەك بولۇپ...

    سىپورېيىل.خوگېنىس شىئېرىدىن ئىككى پارچە

    ئېلاستىكىلىق تاختاي ئاھ،
    گويا دەشتتە كۆيىۋاتقان ئوت
    كۆيدىرەر كۆزۈمنى دەھشەت
    ئۇرۇلۇپ بىردىنلا قاپقارا نوتا
    بەلگىىسىدىن ئاھۇ زار ئۆزگەردى كېپىنەك بولۇپ .
    نەملەشكەن ئەترىگۈل خۇش ھېدى
    بىرلە مەست-ئەلەس ئەيلىدى
    سەھەر لېۋىنى لېۋىنى تاپتى
    ئايالىنىڭ ئۇ يوللاردىن تاپتى ئۇ ساددا بەختىنى .
    سۆيگۈ، چۈشەنگەن بولساڭ مۇبادا
    ئۆزۈڭگە رام قىلىپ مېنى شۇ قەدەر
    ئازابلىق شادلىقنى بەرسەڭمۇ ماڭا
    يەنىلا مىسكىن نەي بىر سېنى كۈيلەر.
    كېچە يېگانە قېيىق ئۈنسىز ئۈزمەكتە
    نىشانلاپ قىرغاق چۆمۈلدى يۈرىكىم
    شېرىن لەززەتكە كۈيلەر ئۇ مۇھەببەت
    كۈيىنى ئۇزاق. سەھرا يۇلتۇزى
    سەھەر يەلكىنى تېپتېنىچ دولقۇنىدا
    كېلەر يوپۇرلۇپ ئۈچ ماچتىلىق
    يەلكەندە سەھەر يۇلتۇزى ياتار تولغۇنۇپ .
    دېڭىز ، غۇۋا نۇر زەڭگەر رەڭ يەلكەن
    ماچتىسى ھەم يەلكەن قالدۇرغان
    كۈپۈكلەنگەن ئىز ئۈن-تېنسىز كۆزلەردىن بولماقتا غايىپ .
    يۇلتۇزلار زەپەردەست پالۋان قوينىدا كەتمەكتە
    بىر-بىرلەپ تاتلىق ئۇيقۇغا ئۆمرۈمنىڭ تەشۋىشى ،
    ئازابى ، غېنمى ئوخشايدۇ بىر سىنى سۆيگەنگە گويا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق